دۇنيا ئىنساني يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى

دۇنيا ئىنساني يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خەلقئارالىق كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولى

508999
دۇنيا ئىنساني يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 23 – 25 – ماي كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنساني يىغىنى ئاخىرلاشتى. بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى سىمۋول خاراكتېرلىك بولسىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە يۈزى ئەڭ يورۇق، قەددى ئەڭ رۇس دۆلەتتۇر. شۇڭا بۇ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېھمانلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

يىغىن توغرۇلۇق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى سان - ساناقسىز خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىندى. دۇنياغا داڭلىق «‹ Independent › گېزىتى» يىغىننى «دۇنيا ئىنساني يىغىنىمۇ؟ ياكى ئىككى يۈزلىمىچىلەر يىغىنىمۇ؟» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر قىلدى.

يىغىنغا ئونلارچە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى، يۈزلەرچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىيونلار، كارخانىچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلدى. تەخمىنەن 8 مىڭ كىشى ئۇدا 3 كۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كېچەلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. «‹ Independent › گېزىتى» نىڭ تېمىسىمۇ تالاش - تارتىش قىلىندى. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق قىزغىن بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان سەۋەبلەر قىزغىن بەس - مۇنازىرە قوزغىيالمىدى. ھالبۇكى، بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانقىنى بۈگۈنكى  دۇنيانىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئىدى. يىغىنغا تەييارلىق خىزمەتلىرى بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن باشلانغانىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ناھايىتى كۆپ  تەييارلىق يىغىنلىرى چاقىرىلدى. تەخمىنەن 23 مىڭ كىشىنىڭ پىكرى ئېلىندى. ئەمما ئەڭ روشەن چاقىرىق مۇنداق ئىدى: ئىنسانلار تارتىۋاتقان دەرد – ئەلەملەرگە خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا بۇ دەرد – ئەلەملەرنىڭ مەنبەسى نېمىلەردىن ئىبارەت ئىدى؟

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىندىكى ئەڭ سالاھىيەتلىك رەھبەر ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ دۆلىتى 3 مىليونغا يېقىن كۆچمەننى باغرىغا بېسىۋاتاتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تاينىنىپ قامداۋاتاتتى. ئەردوغان يىغىندا پەقەت تىزىمغا ئېلىنغان ياردەملەرنىڭلا 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردەملىرى بىلەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى كىچىك تىپتىكى تەشكىلاتلارنىڭ ياردەملىرى بىلەن قوشقاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ مىقدارى 20 مىليارد دوللارغا يېتەتتى. جۇمھۇر رەئىس مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي ۋەدىسىدە تۇرمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى تەنقىد قىلىپ: «بىز پۇللارنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىشلىتىمىز» دېدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان مالىيە يۈكىنى ئورتاقلاشمىغان تەقدىردە، يېقىندا تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمى» نىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق جازا ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى، جۈملىدىن قارار ماقۇللاش مېخانىزمىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى.

دۇنيادا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىمۇ مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. يىلىغا بۇ ساھەگە بېرىلىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارى 155 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ئىنسانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشتىن باشقا يەنە ئۆز جايىغا ئىشلىتىلىپ ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ قاتتىق تالاش - تارتىش بولماقتا. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گېزىت ئۆتمۈشنى خاتىرىلەتمەكتە. ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن يىغىلغان ياردەم پۇللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرىمۇ چېتىلغان بىر چىرىكلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە ۋە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرمەكتە: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ مەسىلە تۈپەيلى تېخىچە كەچۈرۈم سورىمىدى.» ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتكە قانائەتلىنەرلىك باياناتمۇ ئېلان قىلىنمىدى.

ئافرىقىدا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ نامى بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرىلەنمەكتە. كۈچلۈك دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار تارتىۋاتقان دەرد – ئەلەملەرگە خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ دەرد – ئەلەملەرنى كەلتۈرۈپ چىقارىۋاتقان دىكتاتورلار بىلەن قورال - ياراغ كېلىشىملىرىنى تۈزمەكتە.

بۇنداق ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئالدىدا ئىنسان ساھەسىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. بۇ ساھەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلۈشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق تەشكىلاتلار ئالماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىلغان ياردەملەردىن % 7 ئۈلۈش ئالماقتا. مەسىلەن، دۇنيا يېمەك - ئىچمەك كومىتېتى 14 مىڭ كىشىنى ئىشلەتمەكتە.

دۇنيا ئىنساني يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئەڭ كۆپ  «بالىلارنى قوغداش فوندى» نىڭ چېدىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. بۇ فوندىنىڭ مەسئۇلىنىڭ يىللىق مائاشى 350 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ.

ئالدىنقى پىروگراممىمىزدا، «تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە تەۋسىيەسى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدۇق. شۇنداق، تۈركىيە بۇ ھەقتە پۈتكۈل جاھانغا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى ۋە قىلماقتا. دەرۋەقە، بىر چەت ئەللىك فوندىنىڭ باشلىقى يىلىغا 350 مىڭ دوللار مائاش ئېلىۋاتقان يەردە، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بۇ ئىشنى خالىسانە قىلماقتا. قىسقىسى، ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ باشلىقى تۈركىيە پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلىغا 1 مىليون لىرا مائاش ئېلىپ، خىزمەت ئىشلىسە، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھەققىدىن ۋاز كەچمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر