ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش – ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىر ئىكەنلىكىنى، ھەمراھى، ئوخشىشى، شېرىكى ۋە تەڭدىشىنىڭ يوقلۇقىنى قەلبىدە تەستىق قىلىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە مۇشۇ بويىچە ياشاشنى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دېيىشكە بولىدۇ.

508051
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش – ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىر ئىكەنلىكىنى، ھەمراھى، ئوخشىشى، شېرىكى ۋە تەڭدىشىنىڭ يوقلۇقىنى قەلبىدە تەستىق قىلىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە مۇشۇ بويىچە ياشاشنى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىمان، قەلبى بىلەن تەستىق قىلىش، تىلىدا ئىقرار قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ بىرى كەم بولسا، ئىمان كامىللىققا يەتكەن بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ ئىقرارى بولغان «لا ئىلاھە ئىلاللاھ» دېگەن ئايەتنى تەكرارلاشنىڭ، ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئاللاھقا بولغان ئىمان، ئىنساننى ياراتقان ۋە سان – ساناقسىز نېمەت ئاتا قىلغان ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ھەققى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇلىدىن كۈتىدىغىنى، قۇدرىتىگە بويۇن ئىگىشى ۋە ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىشىدۇر. ئىبادەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەر، ئىتائەتنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاللاھنى سۆيۈش، ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش، ئاللاھنىڭ سۆيگەنلىرىنى سۆيۈش، قىلماقچى بولغانلىرىنى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىق، ئاللاھتىن ھايا قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ، ئىتائەتنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان كىشىنىڭ ئىمانى مۇستەھكەملەنگەن ۋە كامىللىققا يەتكەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

ئاللاھقا بولغان ئىمان، ئاللاھنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىماندىكى كامىللىقنىڭ ئاللاھنى ھەممە نەرسىدىن بەك سۆيۈش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى ئىمانىنى سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەيلى يالغۇز بولسۇن، ياكى جامائەت ئچىدە بولسۇن، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بارلىق مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشنى ۋە ئىماننىڭ تەلىپى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش؛ كىشىلىك ھاياتقا مەنا قوشقان، تۇرمۇش شەكلىنى بەلگىلىگەن، پىكىر ۋە قارارلىرىنى نىشانغا ئىگە قىلغان، ئۆزى، ئائىلىسى، جەمئىيەت ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتلار ئالەمى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئىمان – يامانلىقلارغا قارشى بىر قۇلۇپ؛ خەيرىلىككە ۋە گۈزەللىكلەرگە قاراپ ئېچىلغان دېرىزەدۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىكى كۆرسەتمىلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشى، قوشنىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، مېھمانلىرىنى ياخشى كۈتۈش، چىرايلىق سۆزلەش، مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزى ئۈچۈن خالىغىنىنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ خالاش ۋە دۇرۇست بولۇش قاتارلىق دۇنياۋى ۋە جەمئىيەت خاراكتېرلىك قىممەت – ئۆلچەملەرگە ئىگە بولۇش، ھەمدە بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئۆزىنى مۇنداق دەپ تەرىپلەيدۇ: « ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ئۇ بىرەر ئانىدىن ياكى دادىدىن تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ۋەياكى تۇغقانمۇ ئەمەستۇر. ئۇ مەۋجۇت بولۇش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھېچنەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر.»

مەخلۇقاتلارغا خاس بولغان يىيىش، ئىچىش، ئۇخلاش، ھېرىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇشقا ئوخشاش خىسلەتلەردىن پاكتۇر.

ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ ۋە مەبۇد يوقتۇر. ئۇ مۈلۈكنىڭ ئىگىسىدۇر، ھەممە نەرسىگە سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر، ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرگۈچىدۇر، كۆزىتىپ قوغدىغۇچىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ئۇ خالىغىنىنى قىلغۇزىدىغان بولۇپ، ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوقتۇر. بارلىق نۇقسانلاردىن خالىيدۇر، بارلىق كامالىي سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر.

باقىي قالىدىغان يالغۇزلا ئۇدۇر. ئۇ ھەر بىر شەيئىنى ئۆلچەم بىلەن يارىتىپ، تەڭشەيدۇ. ئۇ بىر نەرسىنى يارىتىشنى خالىسا، «بول» دەيدۇ–دە، بولىدۇ. ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بىر تال يوپۇرماقمۇ چۈشمەيدۇ. ئۇ يەرنىڭ تېگىدىكى بىر تال ئۇرۇقنىمۇ بىلىدۇ.

ئۇ ھەممە دەرتلەرگە داۋا، ھەممە كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. ئاللاھ ھەمىشە ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئىشەنگەن بەندىلىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ.

 ئاللاھ قۇلىنى سۆيگەندە، قۇلىنىڭ ئىشىتىدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەندىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى، بەندىسىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دەپ ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلەر باركى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرىشتىلەر توپ – توپ بولۇپ چۈشىدۇ. ئۇلارغا: ‹قورقماڭلار، كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، سىلەرگە (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىسىلەر› دەيدۇ.»

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھقا ئىشىنىپ ياشىغانلارغا ۋە ئىماننىڭ روھىغا زىيان سالىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرغانلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى دۇئاسى بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرايلى:

«ئى ئاللاھ! بىزگە ئىماننى سۆيگۈزگىن، قەلبلىرىمىزنى ئىمان بىلەن بېزىگىن! بىزگە تىل – ھاقارەت، ئىتائەتسىزلىك ۋە ئىسياننى سۆيگۈزمىگىن، ئۇلارنى بىزگە سەت كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولدا ماڭغانلاردىن قىلغىن!»

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان ئاڭلىق مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن!

ئۆمرىمىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتلىرىنى ئىمان بىلەن ياشاشقا ۋە ئاخىرقى نەپسىمىزنى ئىمان بىلەن بېرىشكە نېسىپ قىلسۇن!  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر