مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (4)

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى مەككە خەلقىگە جاكارلاپ، ۋەھىينىڭ ئومۇمىي خەلققە تەئەللۇق قىسمىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلغان.

421871
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (4)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسانلارنى دىنغا چاقىرىش يوللىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن مىسال كەلتۈرگەن ئاساستا ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم. مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلاھىي ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنى دىنىغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى مەككە خەلقىگە جاكارلاپ، ۋەھىينىڭ ئومۇمىي خەلققە تەئەللۇق قىسمىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلغان. جەمئىيەتتە بېسىم بەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلغان يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دەۋەت ئىشلىرىنى نىسبەتەن مەخپىي ھالدا ئېلىپ بارغان. دەۋەتنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان قىسمى ئاساسەن يېڭى نازىل بولغان قۇرئان ئايەتلىرىنى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرگە ئۆگىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئاساسىي ئوبيېكتى مەككە مۇشرىكلىرى بولغان ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ ئەسنادا داۋاملىق ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي كېلىپ، بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇشرىكلار بىلەن چاتىقى بولماسلىق ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشىغا قارىماي، ئىلاھىي دەۋەتنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئادەتتىكى ئىنسانغا ئوخشاش، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى قولدىن بەرمىگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دەۋردىكى ئىسلام دەۋەتچىلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا شەرت- شارائىتلىرىغا قاراپ يول تۇتۇشى كېرەك. قاتتىق ياكى يۇمشاق، ئاشكارا ياكى مەخپىي بولۇشتەك بەزى ئۇسۇللارنى ئۆزلىرى بەلگىلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت جەريانىدا تۇتقان يولى، ئېلىپ بارغان تەدبىرلىرى گۆش بىلەن سۆڭەكتىن تەركىپ تاپقان ئوبيېكىتلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن دىنىي دەۋەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئوخشاش دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بەزى فىقىھ ئۆلىمالىرى سان جەھەتتىن ئاز ۋە ئەسلىھەلەر تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىلىپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولسا، ئۇرۇش باشلاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى پىكىر بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغان. ھەتتا ئىز بىن ئابدىسسلام دېگەن ئالىم بۇنداق چاغدا ئۇرۇش ئېلان قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىسلام دىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇللار ياكى يوقسۇل ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان ئىدى. بەلكى بۇ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى بولسا كېرەك. مەسىلەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى «بىزنىڭچە ئارىمىزدىكى پەس ئىنسانلار يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگىشىپ قالغان» دەپ مەسخىرە قىلغان بولسا؛ ئىسرائىل ئەۋلادىمۇ مىسر پىرئەۋىنلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى تۆۋەن تەبىقلىق قۇللار ئىدى. سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، دەپ تونۇمسىلەر» دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. دېمەك، ئاللاھ تائالا دىنىنى جەمئىيەتتىكى تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاجىز ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە تونۇتقان ئىدى. ھالبۇكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى ئىنسانلارنى زالىملارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش، ئۆزلىرىنى يىڭىلمەس كۈچ، دەپ ئويلاپ قالغان مۇستەبىتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھەق- ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان مەزلۇملارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئىلاھىي دەۋەتنىڭ مەككە دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز بولۇشىغا قارىماي مۇشرىكلارغا قارىتىلغان ۋەھىينىڭ مەزمۇنىمۇ خېلى ئېغىر ئىدى. مەسىلەن: «ئى مۇشرىكلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر. ئەگەر سىلەر قۇللۇق قىلىۋاتقان نەرسىلەر ئىلاھ بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. قۇللۇق قىلغۇچىلار ۋە قۇللۇق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىپ تۇرغاچقا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئەيەتلەر ئۇلارنى قاتتىق بىئارام قىلاتتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمى كۈن ئۆتكەنسېرى ئېشىپ بارماقتا ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغ ئىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن خىلمۇ - خىل چارىلەرنى قوللانغان ئىدى. مۇشرىكلار ئۇنى ناھايىتى ياخشى تونۇسىمۇ، لېكىن يەنىلا سېھىرىگەر، ساراڭ، مەجنۇن ۋە كاھىن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىشەتتى. تۇترۇقسىز سەپسەتىلەر بىلەن ئۇنى دەۋەت ئىشلىرىدىن مەنئى قىلىشقا تىرىشاتتى.
مەككەدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زۇلۇم چىدىغۇسىز ھالەتكە بېرىپ يەتكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ باسقۇچتا ئامالسىز قالغانلىقتىن مەككەدىن بىر بۆلۈك مۇسۇلماننىڭ ھەبەشىستانغا كۆچۈپ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بىۋاستە ئازاپلاش ئوبيېكتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا مۇشرىكلاردىن بىرى كەئبەدە ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەق دىننى تەبلىغ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق جەبرى - زۇلۇملارنى سالغانلار يېقىن تۇغقان ۋە ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى ئىدى، ئۇنى ياخشى تونۇيدىغان قۇشنىلىرى ئىدى، بالىلىق دەۋرىدە بىللەن ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى ئىدى. مانا بۇ ئەسلىدە ئىشنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى ئىدى، ئەمدى مەككە خەلقى مۇسۇلمان ۋە مۇشرىكتىن ئىبارەت ئىككى تائىپىگە بۆلۈنگەن ئىدى، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق ناھايىتى روشەن ئىدى.
تىل، ھاقارەت ۋە ھەر خىل كەمسىتىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەبلىغدىن توسۇپ قالالمىغان مەككە مۇشرىكلىرى، بۇ قېتىم باشقىچە يول تۇتۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەككە مۇشرىكلىرى دىپلوماتىك يوللار بىلەن مەسىلىنى ھەق قىلماقچى بولۇشىدۇ. ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا مال - مۈلۈك بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھەتتا خالىسا مەككە شەھىرىنىڭ باشلىقى قىلىپ سايلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى مەقسىتى مال - مۈلۈك توپلاش ياكى ھوقۇق - مەنسەپكە ئىگە بولۇش بولمىغانلىقتىن، بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھېچبىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى بۇ قېتىم يېڭى بىر تەكلىپ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يىل مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنسا، كېيىنكى يىلدا مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىقاد قىلىۋاتقان ھەقىقىي ئاللاھقا قۇللۇق قىلىدىغانلقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئاللاھ تائالا كافىرۇن سۈرىسىنى نازىل قىلىش ئارقىلىق بۇ تەكلىپنى كەسكىن ھالدا رەت قىلىلدۇ.
مەكــكە مۇشــرىكلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىــزگە ۋە ئۇنىــڭ ســاھابىلىرىگە قىلمىغــان ئــۆچمەنلىكى، قوللانمىغــان قاتتىق قول سىياسىتى قالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسىنى قىلچە بوشىتالمىغان ئىدى. ئەكسىچە مۇسـۇلمانلار كۈنـدىن ـ كـۈنگە كۈچىيىـپ، مۇشـرىكلارغا قارشى زور تەھـدىتكە ئايلىنپ قالغان ئىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرى ئـۆز ئـارا مەسلىھەتلىـشىپ: «ھاشىم ۋە ئابدۇلمۇتەللىپ ئەۋلادلىرى بىلەن ھېچبىر جەھەتتە مۇئامىلە قىلمايمىز. ئـۇلاردىن قىـز ئېلىپ، قىز بەرمەيمىز» دەپ قارار چىقىرىپ، بۇ قارارنامىنى كەئبەنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ قويىدۇ. مەزكۇر قارارنامە بـويىچە قـۇرەيش مۇشـرىكلىرى پەيغەمبىرىمىزنـى يـالغۇزلاشتۇرۇپ جازالىماقچى بولىدۇ. بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنىڭ تارتمىغان مۇشەققەت، كۆرمىگەن ئەزىيىتى قالمايدۇ. ئــۇلار تۇرۇۋاتقان ۋادىغا باشــقىلارنىڭ كىرىــشىگە يــول قويۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ باشقا ھەر قانـداق بىـر يەرگە چىقىـشىنى چەكلەيدۇ. بـۇ سـەۋەبتىن پەيغەمبىرىمىـز باشلىق پۈتۈن ھاشىم ئەۋلادلىرىغا ئۆز دىيارى خـۇددىي تـۈرمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاچـارچىلىق شـۇ دەرىجىـگە يەتــكەن ئىــدىكى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان ۋادە، دەرەخ يوپۇرمــاقلىرى يــاكى ئــوت ـ چــۆپ يىلتىزلىرىنىمــۇ تــاپقىلى بولمــايدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. ئۈچ يىلدەك داۋاملاشقان بۇ ۋەقە ئاخىرلاشقان يىللاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىمايىچىسى تاغىـسى ئەبـۇ تالىـپ ۋاپات بولىدۇ. ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەزرىتى خەدىـچە ئـانىمىز ۋاپـات بولىـدۇ. خەدىـچە ئـانىمىز ھەر جەھەتـتىن يېتىشكەن، ئېـسىل - پەزىلەتلىـك ئايـال بولـۇپ، پەيغەمبىرىمىـزگە ھەر جەھەتـتىن زور يۆلەنچـۈك بـولاتتى. ئۇنىـڭ غەم ـ قايغۇسىغا ئورتاق بولـۇپ، دەردىـگە دەرمـان بـولاتتى. پەيغەمبىرىمىز بۇ ئىككى كىشىدىن بىراقلا ئايرىلىـپ قالغانلىقىغـا قـاتتىق قـايغۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ يىل «قايغۇ يىلى» دەپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان مەدىنە مۇسۇلمانلىرى، پەيغەمبىرىمىز قاچـان مەدىـنە مـۇنەۋۋەرەگە كەلـسە، جانلىرىـدىن، ماللىرىـــدىن كېچىـــپ، ئـــۇ زاتنـــى قوغدايـــدىغانلىقىنى ۋە قانـــداق شـــارائىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭـــدىن يـــاردىمىنى ئايىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمـبەر ئەلەيھىسـسالام سـاھابەلەرنى مەدىـنەگە ھىجـرەت قىلىـشقا بـۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئون يىللىق مەككە دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز دەۋەتنىڭ مەككە دەۋرىدە ئاقىلانە سىياسەت قوللىنىپ، ئەڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلارغا غەلىبىلىك ھالدا يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، ئىسلام بايرىقىنى كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزىدىغان مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى مۇشۇ باسقۇچتا يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار تارىخنىڭ ئەڭ ساغلام ئۇلىنى مەككەدە قۇرۇپ چىقىدۇ. تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىستراتېگىيەلىك ھالدا غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر