ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ئايىتى

بۈگۈن (6 – نويابىر) تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جامەلىرىدە ئوقۇلغان «ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ئايىتى» دېگەن خۇتبە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز...

412015
ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ئايىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم ئەۋلادلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى پاك يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. (سۈرە ئىسرا 70 ـ ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى تاۋاپ جەريانىدا كەئبىگە بۇرۇلۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئى كەئبە! سەن نېمە دېگەن گۈزەل، سېنىڭ پۇراقلىرىڭ گۈزەل، سېنىڭ شەۋكىتىڭگە ۋە مۇقەددەسلىكىڭگە قايىلمەن. ئەمما ئاللاھقا قەسەمكى، مۆئمىننىڭ ھۆرمىتى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سېنىڭ ھۆرمىتىڭدىنمۇ ئۈستۈندۈر. (ئىبنى ماجە)
ئەزىز دوستلار!
ھەممىمىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلا جەۋھەردىن ۋە ئوخشاشلا تۇپراقتىن يارىتىلدۇق. ھەممىمىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلا ئادەم ۋە ھاۋا ئانىدىن دۇنياغا كەلدۇق. ھەممىمىز ئوخشاشلا دۇنيانى ۋە ئوخشاشلا ئالەمنى ئورتاقلاشماقتىمىز. ھەممىمىز ئوخشاشلا قوياشنىڭ ھارارىتىدىن ۋە ئوخشاشلا ئاينىڭ نۇرىدىن پايدىلانماقتىمىز. ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تاغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش باراۋەر ھېسابلىنىمىز. بۇ نۇقتا ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (يارىتىلىشتا ئوخشىشىمسەن ياكى دىندا قېرىندىشىمسەن) دېگەن سۆزىدە ئىنتايىن بەدىئىي ئىپادىلەپ بېرىلگەن ئىدى. شۇڭا كۈلتۈرىمىزدىمۇ (ئىنسان ئىنساننىڭ قۇرۇتى ئەمەس، ئىنسان ئىنساننىڭ ئۈمىدىدۇر ۋە باشپاناھىدۇر) دېيىلگەن ئىدى، شۇڭلاشقا مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىنسانغا بولغان قارىشى تەرەققىي تاپقان دەۋرلەرنىڭ ئاتالمىش ئىنسان مەركەزچلىك قاراشلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ۋە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. يۇنۇس ئەمرەنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا بىز (يارىتىلغۇچىلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن سۆيىمىز) چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ بىر ئايىتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بىر ئەسىرىدۇر.
ئەزىز دوستلار!
بىزنىڭ ئىنسان بولغانلىقىمىز ھەمدە ئىسلامغا ئشەنگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن قېرىنداشلىقىمىزنىڭ قانۇن پىرىنسىپى شۇنداقلا ئەخلاقىي بار. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەكىللەنگەن قېرىنداشلىقىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە مەيلى قايسى دىن، قايسى ئىرق، قايسى رەڭ، قايسى رايونغا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان ھۆرمەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئىنسانغا زۇلۇم قىلسا، ئىنسان ئىنسانغا ناھەقچىلىق قىلسا بولمايدۇ. ھەر بىر ئىنساننىڭ جېنى، قېنى، مېلى، غورۇرى ۋە كىشىلىك سالاھىيىتى چېقىلىشقا بولمايدىغان مۆھتىرەم ۋە مۇقەددەستۇر. دىنىمىز ۋە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرىمىز بىزگە مانا بۇ ئۇلۇغ قىممەت قاراشلارنى تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلغىنىدا پۈتۈن غەيرى مۇسۇلمان قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. شۇ ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دىنلار ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ بىرلىكتە، تىنچلىق ئىچىدە، خاتىرجەم ياشىيالىشىنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن.
ئىسلامدىن ئىبارەت (دىنى مۇبىن) يەنى، روشەن دىنىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن قېرىنداشلىقىمىزغا كەلسەك، بۇ قېرىنداشلىق قانداقتۇر نەسىل، جەمەت، تىل، رايون ۋە ئەسەبىيەت ئاساسىدىكى قېرىنداشلىق ئەمەس، مەنپەئەت ئاساسىدىكى قېرىنداشلىق تېخىمۇ ئەمەس. ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلار ۋە ئالىي غايىلەرنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن بىر قېرىنداشىقتۇر، ئىمان ۋە تەقۋادارلىقنى ئاساس قىلىدىغان بىر قېرىنداشلىقتۇر، تەۋھىد بىلەن كەلگەن (ۋەھدەت) يەنى بىرلىكنىڭ ۋەكىللىكىدۇر. مۇسۇلمانلار بىرلا بەدەننىڭ ئەزالىرى ياكى بىر بىنانىڭ خىشلىرىغا ئوخشايدۇ. مۇسۇلمانلار بىر - بىرىگە ھەققانىيەت رىشتىسى بىلەن مەھكەم باغلىنىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئاللاھ ياراتقان پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا شەپقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئىنسانلاردۇر. مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش قىممەتلىك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دەپ قارايدۇ. ئۇنى كەمسىتمەيدۇ، خار كۆرمەيدۇ. مۇسۇلمان، ئۆزى ئۈچۈن تەلەپ قىلغاننى مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
مۇسۇلمان، ئىسەنچىلىك كىشىدۇر، ئۇنىڭ تىلى ۋە دىلىدىن زىيان كەلمەيدۇ، قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ناھەقچىلىك قىلمايدۇ، دۈشمەنلىك قىلمايدۇ، مۇسۇلمان قېرىندىشىغا يۈز ئۆرىمەيدۇ، قېيىنچىلقتىكى چاغلىرىدا ياردەمچى بولىدۇ، غەم قايغۇ ۋە خۇشاللىقلىرىغا ئورتاق بولىدۇ.
ئەزىز دوستلار!
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزئارا قېرىنداشلىققا، مېھرى ـ شەپقەت، ئىنساپ ئادالەت ۋە ۋىجدانغا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجىمىز بار. مانا بۈگۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلارنى ھاياتىمىزدا تەدبىقلاشقا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاچ ھالەتتىمىز. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن قېرىنداشلىقىزنى قايتىدىن ئەسلەشكە ۋە بۇ نۇقتىدا بىرلىكتە ياشاشنىڭ ھەق ـ ھوقۇق، ئەخلاقىي پىرىنسىپىلىرىنى شەكىلەندۈرۈپ چىقىشقا ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەك ئېھتىياجلىق ئەھۋالدا تۇرماقتىمىز.
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسلام دىيارىنى يېڭىدىن ئىلىم، ھېكمەت ۋە مەرىپەت دىيارىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. ئىسلام دۇنياسىدا قايتىدىن تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى، مېھرى - شەپقەت، قېرىنداشلىق ۋە ئۆزئارا دوستلۇقنى، ھەق، ئادالەت ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتنى ھۆكۈمران قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار.
مانا بۈگۈنكى كۈندە بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە، ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىققا، ئۆزئارا سۆيگۈ ـ مۇھەببەتكە، بىر ـ بىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىشقا ئەڭ قاتتىق ئېتىياجىمىز بار. ئىسلام مەدەنىيىتىنى يېڭىدىن بەرپا قىلغان تەڭداشسىز پىرىنسىپلارغا قايتىدىن مەھكەم ئېسىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. قۇرئانى كەرىمنىڭ رەھمەتكە تولغان تەلىماتلىرىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانلارنى ھالقىغان ئۈلگە ۋە ئۆرنەكلىرىگە ھەر قانداق دەرۋرىدىكىدىىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجىمىز بار.
خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلادلىرىدۇر ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراقتىن يارتىلغاندۇر. (تىرمىزى)
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەققىي ئىسلام رۇھىغا ئۇيغۇن قېرىنداشلاردىن قىلغاي، قەلبىمىزنى ئۆزئارا سۆيگۈ مۇھەببەت بىلەن تولدۇرغاي، ئامىن!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر