قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

1933 – يىلى 12 – نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللام باشچىلىقىدا 15 مىنىستىرلىقتىن تەشكىل تاپقان «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان ئىدى.

360319
قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قەشقەر ئىنقىلاب دەۋرىدە ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بولغان رايونلاردىن بىرى ئىدى. چۈنكى بىر يىل ئىچىدە 4 قېتىم ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلىدۇ. تىمۇر سىجاڭنى ما جەنساڭ ئۆلتۈرىدۇ. ما جەنساڭنى قىرغىز گېنېرال ئوسمان مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ. 12-نويابىر سابىت داموللام قاتارلىق بىر قىسىم مۇنەۋۋەر زاتلار گېنېرال ئوسماننى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ، مۇۋەققەت قەشقەر ھۆكۈمىتىنى قۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ۋەزىيىتى بىرئاز مۇقىملاشقان قەشقەر سابىت داموللامنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان ئەجنەبىيلەرنىڭ تەۋسىيەسىگە بىنائەن خوجانىياز ھاجىنى «جۇمھۇر رەئىس» دەپ ئېتىراپ قىلىش شەرتى بىلەن، پۈتكۈل «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا بىر ئىچكى كابىنت قۇرۇشنى قارار قىلىپ، خوجانىياز ھاجىنىڭ پىكرىنى ئالمايلا ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىگە خەۋەر قىلمايلا 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 15 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەت كابىنتىنى ئېلان قىلىدۇ. سابىت داموللام باش مىنىستىرلىققا سايلىنىدۇ. تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھادىسە، خوجانىياز ھاجى بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. خوجانىياز ھاجى بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خوتەن ھۆكۈمىتى بولسا، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئالدىن پەمىلەپ، بۇ ھۆكۈمەت كابىنتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇ ھۆكۈمەت كابىنتىدا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئاييۇلتۇزلۇق ھاۋا رەڭ بايراقنى دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ. خوتەن ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىس ئېتىراپ قىلمىغان ھۆكۈمەت كابىنتىغا ئىتائەت قىلىشنى «ئېھتىياتسىز ھەرىكەت» دەپ ئويلايتتى. شۇڭا، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوجانىياز ھاجىغا بۇ ھۆكۈمەت كابىنتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، خەت يازىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خوجانىياز ھاجىنىڭ ئاچچىقى بېسىققان ئىدى. بۇ ھالقىلىق كۈنلەردە تۇڭگانلار ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

تۇڭگانلار ۋە خوجانىياز ھاجى
خوجانىياز ھاجى ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى، 1-نويابىردا تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، كۇچا ۋە كورلا شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 4-نويابىر تۇڭگانلار تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى ئامالسىز ئەسكەرلىرى بىلەن چېكىنىدۇ. ئاقسۇغا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشتا خوجانىياز ھاجى يېڭىلىپ ئاقسۇغا قاچىدۇ ۋە 1934-يىلى 3-دېكابىردا قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپلا شۇ چاغقىچە يېڭىشەھەردە ما جەنساڭنىڭ قوماندانلىقىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر نەچچە مىڭ تۇڭگاننى تارمار قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قېتىلىدۇ.يېڭىشەھەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاز قالغاندا، ئاقسۇدىن كەلگەن تۇڭگان قوشۇنلىرى قەشقەرگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. خوجانىياز ھاجى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىچىك ئىنىسى نۇرەخمەت بىر نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن قەشقەردىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتا تۇڭگانلارغا قارشى مۇداپىئە لىنيەسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇرۇش باشلايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە چېكىنىدۇ. ئالدىنقى سەپتە يالغۇز قالغان خوتەن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى نۇرەخمەت ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ يېڭىسارغا چېكىنىدۇ.
خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭىسارغا كېتىدۇ. ئەمما، قەشقەردە ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، خەلق تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن قەشقەر شەھىرىنى تۇڭگانلار بىر تامچە قان تۆكمەي بېسىۋالىدۇ. ئاتۇشقا كېتىشكە مەجبۇر بولغان سابىت داموللام ئەسكەر يىغىپ 3 كۈندىن كېيىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، تۇڭگانلار يەنە غەلىبە قىلىپ، قەشقەر خەلقىنى بىر كېچە - كۈندۈز قەتلى قىلىپ، 7000 ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىدۇ. سابىت داموللاممۇ يېڭىسارغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر