30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

344281
30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى


تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 140
«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى»


30 – ئاۋغۇست، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ زەپەر بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدە ھەر يىلى تەبرىكلەيدىغان بايرام كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئازادلىق ئۇرۇشى 1919 – يىلى 15 - مايدا گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئىزمىرنى ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 1922 – يىلى سىتەبىردە تۈركلەرنىڭ گىرېتسىيەلىكلەرنى ئىزمىزدىن قۇغلاپ چىقىرىشى بىلەن ئاخىرىلاشقان ئىدى. 1922 – يىلى 30 – ئاۋغۇست كۈنى بۇ زەپەرنىڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئانادولۇدىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بەرگەن شۇنداقلا ئىمپېرىيالېستلارنىڭ (يەنى ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ) پىلانلىرى بىت – چىت قىلىپ تاشلانغان ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 30 – ئاۋغۇست زەپىرى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلق ئىگىدارچىلىقىدىكى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھۇل سالغان ئىدى. بۇ ئۇرۇش تۈركلەر، كوردلار، ئەرەبلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مىللەت ۋە كۈلتۈرلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئوسمانلى يەنى، ئانادولۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئۇرۇشى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان پەقەتلا 30 – ئاۋغۇست زەپىرى ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدا يەنە 9 ئايلىق مۇزاكىرىدىن كېيىن (1922 – يىلى نويابىردا باشلىنىپ 1923 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا) ھاسىل قىلىنغان لوزان كېلىشىمى ئىدى. لوزان كېلىشىمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە تىنچلىق كېلىشىمى كۈنسىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.

بۇ قىسقىچە چۈشەندۈرۈش شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1919 - يىلىدىن 1923 – يىلىغىچە بولغان جەرياندىكى ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ھالەتلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمەن دېگۈدەك نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلگەن مۇھىم ئامىللار ۋە جەريانلارنى مۇنداق 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ھەم ئازادلىق ئۇرۇشى زەپىرى، ھەم تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ 3 مۇھىم نۇقتا ھەربىي كۈرەش، دىپلوماتىك ئىستىراتېگىيە، سىياسىي نىشان ۋە غايىدىن ئىبارەتتۇر.
بەزى تۈرك تارىخشۇناسلار ۋە سىياسەتچىلەر مەركەزلەشكەن ئاساسلىق نۇقتا پەقەتلا ھەربىي زەپەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇستاپا كامالنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسى ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاشلا مۇھىم دېپلوماتىك ۋە سىياىسي ئاساسلارنى تايانچ قىلىدۇ. ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي كۈرىشى گىرېتسىيەلىكلەرگە ۋە قىسمەن فىرانسىيەلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان دېپولماتىك ۋە سياسىي كۈرەش ھەرىكىتىنىڭ دۇنياۋىي كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىدى. مىللىي كۈرەش ئارمىيەسى جەنۇبىي ئانادولۇدا قىسمەن فىرانسىيەگە قارشى ئەمما ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئانادولۇدا شۇنداقلا تىراكيادا گىرېتسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر مىللىي كۈرەشنىڭ ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك ئامىل ھېسابلىنىدۇ - ئەلۋەتتە.
بىراق ھەربىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس تەشكىل قىلىدىغان دېپلوماتىيە ۋە سىياسىي خىزمەتلەر قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى لازىم. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئەسلىدىكى داھىيلىقى، ھەربىي كۈرەشنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرگەن دېپلوماتىيە ۋە بۇنى شەكىللەندۈرگەن سىياسىي ھەرىكەتلەردە ساقلانغان دېيشكە بولىدۇ. مۇستاپا كامال ئالدى بىلەن گىرېتسىيەنى قوللاپ جاسارەت بېرىۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن فىرانىسيەنى چارىسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن قويۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەر ئىككى دۆلەتكە قارشى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن 1920 - ۋە 1921 - يىللىق كېلىشىملەر، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە قارشى چېكىندۈرگۈچ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى پەيدا قىلدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئشىغالىيىتى ئاستىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئورنىتىلغان مۇناىسۋەتلەرگە سەل قارىماسلىق لازىم. بۇ بارلىق مۇناسىۋەتلەر ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنى قاتتىق بىئارام قىلغان شۇنداقلا گىرېتسىيەلىكلەرنى قوللاپ - قۇۋەتلەشنى توختىتىشىغا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان ئىدى.
تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي ئۇتۇقلىرىغا ۋە دېپلوماتىك تاكتېكىلىرىغا يۆنىلىش بەلىگىلىگەن كومپاس بولسا، ئۇرۇشنىڭ سىياسىي نىشانى ۋە غايىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ سىياسەت، يېڭى قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوسمانلى دۆلەت سىستېمىسىغا قايتمايدىغانلىقى، بىراق غەربلىشىش ۋە زامانىۋىلىش ھەرىكىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا "غەربكە قارماستىن غەربلىشىش" ئىددىيەسى چوڭ رول ئوينىغان ئىدى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە نىسبەتەن گىرېتسىيەنىڭ "بۈيۈك گىرېتسىيە ئىددىيەسى" بىر خىيالىي فانتازىيەدىن باشقا مەنىگە ئىگە بولالمىغان ئىدى.
تۈركلەرنىڭ "غەربكە قارىماستىن غەربلىشىش"نى تاللىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسلىرى بار. بۇ تاللاش ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 18 - ئەسىرگىچە داۋاملاشتۇرغان سىياسىي كۈرىشى ۋە تاشقى سىياسەت كۈرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى كۈنسىرى زورىيىۋاتقان غەرب كۈچلىرىگە ۋە ئېمپىرالىزمىغا قارشى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن (1839 – يىلىدىن 1878 - يىلىغىچە) «تەنزىمات»، (1878 - يىلدىن 1908 -يىلغىچە) پانئىسلامىزىم، (1909 – يىلىدىن 1919 - يىلغىچە) جۇن تۈركلەر سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. بىراق ھەر ئۇچىلى سىياسەت پىلانلانغان شەكىلدە ئاخىرلاشمىدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە مۇستاپا كامالنىڭ رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇلغان تۆتىنچى بىر سىياسەت ياكى لايىھە (يەنى خەلق دۆلىتى قورۇش لايىھەسى) ئىشقا ئاشتى. خەلق دۆلىتى بولسا، ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا فىرانسىيە ئىنقىلابىي ۋە مودىرنىزم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان دۆلەت شەكلى بولۇپ، 20 - ئەسىردە پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئازادلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەل مانا بۇ سىياسىي ئاساسنى ھۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئاسانلاشقان ئىدى.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، 30 - ئاۋغۇس زەپىرىگە باھا بەرگەندە تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ھەربىي ئۇتۇق بىلەن بىرگە دېپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتلەرنىمۇ ئالاھىدە نەزەردە تۇتۇش لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى مانا بۇ دېپلوماتىك ۋە سىياسىي دائىرىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنىڭمۇ تەكتىدە "يۈرت تىنچ بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ" دېگەن پىرىنسىپ ساقلانغان دېيىشكە بولىدۇ. سۇڭلاشقا 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىدا ئالدىنقى قاتارغا چىقىدىغان ھەربىي پارت ۋە كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى دۇشۈمەنلەرگە قورقۇنچ ھەمدە دوستلىرىمىزغا ئىشەنچ بىغىشلايدىغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتى ۋە ھەربىي كۈچى پەقەت ۋە پەقەت خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە قارالۋان بولۇپ، يەنە شۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرغۇسى. چۈنكى 1920 - يىللىرىدىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەمەلىي ۋە ئەخلاقىي نۇقتىدىن رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دىپلوماتىيە ۋە سىياسەت چوقۇم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى لازىم.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر