ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى

ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ كېلەچىكى

369506
ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى

2015 – يىلى 12 – ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە، ئەرمېنىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە قىرغىزىستاننىڭ دائىمىي ئەزا بولۇشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولدى. قىرغىزىستاننىڭ بىرلىككە ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، مال، خىزمەت، سەرمايە ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەركىن ئايلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلار پاچاقلاپ تاشلانغان بولدى. ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى قىرغىزىستانغا كەلدى ھەمدە ئىككى پىرېزىدېنت بىرلىكتە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى. نەزەربايېۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئالمۇتا – ئىسسىق كۆل ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى % 50 قىسقارتىدىغان يېڭى تاش يول قۇرۇلۇشى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
تۆۋەندە، قىرغىزىستاننىڭ بىرلىككە ئەزا بولۇش باسقۇچىغا بىرقۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى:
قىرغىزىستان ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 2011 – يىلى 11 - فېۋرال كۈنى ئىلتىماس سۇنغانىدى. قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم 2015 – يىلى 8 – ماي كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغانىدى. 20 – ماي كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتى جۇگوركۇ كەنەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ دۆلىتىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە تولۇق ئەزا بولۇشى نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى بىر كۈن كېيىن يەنى 21 – ماي كۈنى ئىمزالىدى. قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29 – ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە دائىمىي ئەزا بولۇشى نىشان قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئەرمېنىيە، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى جاكارلىدى. قىرغىزىستان بىلەن چېگرىداش بولغان قازاقىستان بولسا چېگرا مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا بولۇشى نىشان قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، بۇندىن كېيىن قىرغىزىستان پۇقرالىرى رۇسىيەدە «كۆچمەن ئىشچىلار» دەپ ئاتالمايدۇ. قىرغىزىستانلىقلارنىڭ ئوقۇش خەتلىرىمۇ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان پۇقرالىرى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىش – ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. بىرلىك بىلەن تولۇق ماشلانقانغا قەدەر قىرغىزىستان بىر قىسىم ئىمتىيازلارغىمۇ ئىگە بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قىرغىزىستانلىقلار دۆلەتنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا بولۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.
قىرغىزىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ ئەھۋالى بولسا ئانچە ياخشى ئەمەس. غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە. سىياسىيونلار بولسا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ دائىرىدە رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ 2015 – يىلى 29 – ماي كۈنى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ بىر خىللا پۇل ئىشلىتىش خىزمىتىىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي 29 – ئىيۇن كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئىقتىسادىي رايون بەرپا قىلىنىشى مەقسىتىدە دىيالوگ باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ساھىبخانىلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
10 – ئىيۇل كۈنى ئۇفادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن بۇ ھەقتە توختالغان ۋلادىمىر پۇتىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى لىدەرلىرىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى لايىھەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئورۇنلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
27 – ئىيۇل كۈنى قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى روبېرت ئازېۋېدو، قازاقىستاننىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى نىشان قىلىنغان كېلىشىمنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىمزالىدى. بېلارۇسىيەمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە.
رۇسىيەدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىئەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ياۋرو - ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلار داۋاملاشماقتا.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ كېلەچىكى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرىگە باغلىق دېيىش مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى لايىھەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش پىكرى تەرەپلەرگە پايدا يەتكۈزۈشى مۇمكىن. غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى شەرق ۋە جەنۇبتىكى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج. ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا تۈركىيەمۇ ھازىردىن باشلاپلا بىرلىك بىلەن ئەركىن ئىقتىسادىي رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىم. يىغىپ ئېيتقاندا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنى قىيىن ئۆتكەلنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر