1928-يىلىدىكى «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نى كىم ئەمەلگە ئاشۇردى

1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زېڭشىننى زىياپەت مەيدانىدا يوقىتىشتىن ئىبارەت مەشھۇر «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ھەققىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىنغان.

335982
1928-يىلىدىكى «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نى كىم ئەمەلگە ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زېڭشىننى زىياپەت مەيدانىدا يوقىتىشتىن ئىبارەت مەشھۇر «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ھەققىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئۆزگىرىشنى پەن ياۋنەننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئاساسەن دېگۈدەك يەكۈنلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە يەنىلا ئوخشىمىغان بىر قانچە خىل قاراشلار، يەنى مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىشنى پەن ياۋنەننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت «قۇربان قىلىۋېتىلگەنلىكى» گە ئائىت كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇت بولماقتا.
ئەينى ۋاقىتتا «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى، يەنى ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ پەن ياۋنەن ئىكەنلىكىنى ئالدى بىلەن جىن شۇرېن ئۆزى نەنجىڭدىكى «مەركىزىي كۈندىلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، خىتاي تارىخچىلىرىدىن گۇ شېڭلىنىڭ يېزىشىچە، 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يولۋاس قاتارلىقلار نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە جىن شۇرېن ئۈستىدىن ئەرز قىلغاندا، جىن شۇرېننىڭ ياڭ زېڭشىننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بۇ جىنايەتنى پەن ياۋنەنگە ئارتىپ قويۇپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرغانلىقىنى پاش قىلغان.
1930- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ «قاچقۇن ما جۇڭيىڭ» ناملىق كىتابىدا، 7-ئىيۇل ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، ياڭ زېڭشىننى جاڭ پېييۈەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جىن شۇرېننىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.
پەن ياۋنەننىڭ نەۋرىسى پەن مىنخۇا 2001-يىلى تەيۋەندە مەخسۇس مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مىلىتارستلاردىن فېڭ يۈشياڭنىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، جىن شۇرېننىڭ بولسا ئىجرا قىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەنى پەن ياۋنەنگە دۆڭگەپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھەقىقەتەن، پەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىننى يوقىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلدىمۇ ياكى نەق مەيداندىكى زىياپەتتە ئولتۇرغان پەن ياۋنەن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەسلىدە خەۋەرسىزمىدى؟ نېمە ئۈچۈن جىن شۇرېن زىياپەتكە قاتناشماي ئالدىنئالا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن ئايرىلىدۇ ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پەن ياۋنەن قاتارلىقلارنى يوقىتىپ، تېزلىكتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولالايدۇ؟ بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بولۇپ، جىن شۇرېننىڭ مەزكۇر پىلاندىن ھېچ بولمىغاندا ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقى ۋە ياكى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتكە بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭمۇ مەلۇم ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، تاكى ھازىرغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى بار جايدا يۈز بەرگەن مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىش ھەققىدە سوۋېت تەرەپنىڭ ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.
ئەمما، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن جاڭ كەيشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلغان، جاڭ كەيشى سوۋېت رۇسىيەسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدىن يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە دۇنيا ئىنقىلابى شوئارىنى زەربىگە ئۇچراتقان ئىدى.
شىمالىي رايونلارنى بازا قىلغان مىلىتارىست فېڭ يۈشياڭ بولسا، سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ياردەملىرىگە ئېرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
ياڭ زېڭشىن سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئىزچىل ئىتتىپاق ئۆتكەن بولۇپ، 1924-يىلى ئۇ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، چۆچەك، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كونسۇلخانا قۇرۇشىغا يول قويۇپ، سودا ئالاقىسىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن ئىدى. سوۋېت رۇسىيەسى بۇ ئۆلكىنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسى ئىچىدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمايتتى.
ياڭ زېڭشىن تا ئۆلگىچە ئۆزىنى نامدا بېيجىڭنى مەركەز قىلغان شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىگە تەۋە دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان شىمالىي مىلىتارىستلار مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بويسۇنماي، بۇ ئۆلكىنى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يەردە ھېچقانداق ئۆز تەسىر كۈچىنى تىكلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئۆلۈشتىن 6 كۈن ئىلگىرى جاڭ كەيشىنىڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ قانداق ئىنكاسىنى قوزغىغانلىقى نامەلۇم.
ئىچكى زىددىيەت ئامىللىرىدىن قارىغاندا، ياڭ زېڭشىن ئەسلىدە مانجۇ-چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى بولۇپ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن ئاقسۇغا ۋالىيلىققا ئەۋەتىلگەن. 1912-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتى ئۇنى يۈەن داخۇانىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ باش ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇ ھوقۇققا ئېرىشىپلا ئالدى بىلەن قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈش تاكتىكىسى قوللىنىپ، تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ، ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بار بولۇپ، يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بەدىئىي شەكىلدە ئەڭ تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى.
ياڭ زېڭشىن يەنە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى باشلامچىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغاندىن تاشقىرى، ئۆزى «جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ياڭ زەنشۈي باشچىلىقىدىكى كۈچلەر بىلەن تىنچلىق بىتىم تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئالداپ، ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ يوقاتقان ئىدى. ئۇ يەنە، ھەر قايسى جايلاردىكى خەنلەرنىڭ «گېلاۋخۇي» چىلار تەشكىلاتىنىمۇ باشتا ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا ھىيلە ئىشلىتىپ تىنجىتقان ئىدى.
ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ بۇ بىر قاتار چارە-تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «ياتلارنىڭ قولى ئارقىلىق ياتلارنى ئىدارە قىلىش» تاكتىكىسى قوللانغان بولۇپ، ئاندرېۋ فوربېسنىڭ يېزىشىچە، ئۇ تۇڭگانلارغا تايىنىپ، ئۆلكىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى يۈننەنلىك تۇڭگان كوماندىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى ئىدى. ئۇ تۇڭگان كوماندىرلىرىدىن ما فۇشىڭنى قەشقەرگە باش ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن بولۇپ، ما فۇشىڭ، يەنى ما تىتەي قەشقەرنى 10يىل ئەتراپىدا ئىدارە قىلىپ، «ئۆزى بەگ، ئۆزى خان» بولۇۋالغاندىن كېيىن، 1924-يىلى يەنە بىر تۇڭگان ئەمەلدارى ما شاۋۋۇ ئارقىلىق ما تىتەينى ئۆلتۈرۈپ، قەشقەرنى قايتىدىن كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. بۇ جەھەتتە ئۇ تۇڭگانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەتتىن پايدىلانغان ئىدى.
روشەنكى، ياڭ زېڭشىن قاتمۇ-قات قارشىلىق ۋە يوشۇرۇن نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىتىلىشىنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىدىن نارازى بولغان كۈچلەر ئارزۇ قىلاتتى. يەنى، ئۆلكىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە سودا-ئىقتىساد ساھەسىدىكى خەنلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى «شەنشى-گەنسۇلۇقلار گۇرۇھى» بىلەن «خۇنەنلىكلەر گۇرۇھى» ئارىسىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش زىددىيىتى مۇھىم ئامىل ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار، تۇڭگانلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى يوشۇرۇن قارشىلىقلار ھەم نارازىلىقلار بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشكە مەنىۋى كۈچ بېرەتتى.
قىزىق نۇقتا شۇكى، ياڭ زېڭشىن سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان جىن شۇرېن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەخپىي سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلدى. ئەمما، 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1933-يىلى 12-ئاپرېل كۈنى ئوخشاشلا سىرلىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق سىياسىي سەھنىدىن قوغلىۋېتىلدى.
-20ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش، يەنى 1928-يىلىدىكى «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» بىلەن 1933-يىلىدىكى «12–ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ پەردە ئارقىسى تېخى ھازىرغىچە يەنىلا بىر قاتار ئېنىقسىزلىقلارغا ئىگىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر