شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر

1944 - يىلى11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇ دەۋردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنە بەزى شاھىتلار تېخىچە ھاياتتا.

384506
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1944-يىلى11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇ دەۋردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنە بەزى شاھىتلار تېخىچە ھاياتتا. بۇلاردىن بىرى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئوغلى نازىمجان قەمبىرىدۇر. نازىمجان قەمبىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان يىللاردا 14-13 ياشتا بولۇپ، ئۇ شۇ يىللارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا مەن ‹ئەخمەت ئەپەندى بىلىم يۇرتى› نىڭ ئۇيغۇرچە 5-سىنىپىدا ئوقۇيتتىم. 14-13 ياشلاردا ئىدىم. ئەخمەت ئەپەندى، ئەلىخان تۆرە ۋە دادام قاسىمجان قەمبىرىلەر ھۆكۈمەت بىناسىدا ئىشلەيتتى. بىز ھەر كۈنى مەكتەپتىن يانغاندا ۋېلىسپىت بىلەن دادىمىزنىڭ يېنىغا كىرەتتۇق، ھۆكۈمەت بىناسىدا ئىككى ئەسكەر تۇراتتى، بىز دەرۋازىدىن كىرگىنىمىزدە بىزگە سالام بېرەتتى. بىز ۋېلىسپىتتىن چۈشمەي كىرىپ كېتەتتۇق. ئۇ يەردە بىليارت ئوينايتتۇق، ئۇ جەرياندا كۆپ گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، غېنى باتۇر قاتارلىق بىر قانچە رەھبەر بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ فورمىسىنى ۋە گىرىبىنى بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، روزا تەمبۇر، نۇرمەمەت پاڭ ۋە ئەيسا قارياغدى قاتارلىق مۇزىكانتلار بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، بىزنىڭ ھەممە نېمىمىز بولدى، ئەمما ئىستىقلال مارشىمىز يوق، دەپ تەييارلىغان ئىستىقلال مارشىنى رەھبەرلەرگە چېلىپ بەرگەندە، ئۇلار ئاڭلاپ تەستىقلىمىغان ئىدى. مۇزىكانتلار ئەخمەتجان قاسىمى ۋە دادام قاسىمجان قەمبىرىلەرگە ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىستىقلال مارشىنى چېلىپ بەرگەندە مەنمۇ بار ئىدىم. مەن بىر ئاڭلاپلا ئېسىمدە تۇتۇۋالغان بىر ناخشا بار، تېخىچە ئۇنتۇمىدىم. »
ئۇ، يادىدا قالغان ناخشا مىسرالىرىنى ھېسسىياتلىق قىلىپ:

«ۋەتەن زېمىنىنى ئاقلاشقا ماڭ،
چىقسۇن بىزدىن جەسۇرانە ئاڭ.
گۈزەل ۋەتەن ئۈستىنى قاپلىمىسۇن چاڭ،
ھەممىمىزدە كۈچلەنسۇن ئىنقىلابىي ئاڭ.

قوللارغا قورال ئېلىپ ئالغا باسىمىز،
بىزنى ئەزگەن دۈشمەنلەرنى چەنلەپ ئاتىمىز.
ئۇر، سوق، چاپ، قىر يوقالسۇن جاللات زالىملار،
مەڭگۇ ئازاد ياشىسۇن بىزنىڭ ئەۋلادلار.»

ئۇ مۇشۇ ناخشا بىلەن بىرلىكتە 4 ناخشىنى ئىستىقلال مارشى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى تەستىقلىمىدى. مۇزىكانتلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرگە ئاتاپ يازغان يەنە بىر ناخشىنى ئوقۇپ بەردى. ئۇ ناخشىدىن يادىمدا قالغانلار مۇنۇلار:
سالام رەھبىرىمىز ئەخمەتجان،
ئالىي قوماندانىمىز ئىسھاقجان،
چېنىقتۇق پولاتتەك ئۆز قولىڭىزدا،
بۇيرۇق بولسۇن بىزدىن يار.
ئاق، قار، كۆك شىۋىرغانلاردا،
قاراڭغۇ كېچە ھەم تۇمانلاردا.
قورقماستىن كۆكرەك كېرىپ ئالغا بېسىپ،
دائىم كۈرەشكە بىز تەييار.
دەپ مۇشۇ ناخشىلارنى ئوقۇپ ماڭاتتۇق. يادىمدا قالغانلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويدۇم، ئەمما كۆپى يادىمدا قالماپتۇ.»
ھۆرمەتلىك نازىمجان قەمبىرى ئەپەندى خىتاي تارىخ كىتابلىرىدا 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتايدىغانلىقى، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەيدۇ:
«غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىدىغان تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ‹ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى› دەپ يېزىقلىق ئىدى. مەن ھىچقانداق بىر يەردە ‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى› دېگەن گەپنى كۆرمىگەن ئىدىم. بۇ ئاتالغۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى توقۇپ چىقارغان ئاتالغۇ. مەن ئۆيدىكى گېزىتلەردە، كىتابلاردا ۋە ھەممە يەردە ‹ئازاد شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى› دېگەن گەپلەرنى ئوقۇغان ئىدىم. ئىنقىلاب باشلىنىشتىن بۇرۇنمۇ بىزنىڭ ئۆيدە يىغىلىپ دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلاتتى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە باغلاپ، ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئىزاھلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئىنقىلابىنىمۇ ‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى› دەپ ئاتاشقا باشلىدى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر