قەدىر كېچىسى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلار ئۈچۈندۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامىلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (27)

378581
قەدىر كېچىسى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلار ئۈچۈندۇر

 

قەدر كېچىسى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلار ئۈچۈندۇر


ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ - ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر.» (سۈرە قەدر، 1- 5 ئايەتلىرى) دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:
«رامىزان ئېيىدا شۇنداق بىر كېچە بولىدۇكى، ئۇ كېچە مىڭ ئايدىنمۇ بەك پەزىلەتلىكتۇر. بۇ كىچىنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالغان كىشى مىڭ ئاينىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ» (ئىبنى ماجە، ناماز بابى)
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
مانا كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاشقان ھالدا ئاللاھنىڭ ئامانىتى ۋە نېئمىتى بولغان ھاياتىمىز تېزلا ئۇپراپ تۈگەشكە باشىلىماقتا. تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان رامىزان ئېيىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە خوشاللانغان ئىدۇق. مانا ئەمدىلىكتە يەنە ۋىدالىشىش ۋاقىتى يىقىنلىشىپ قالدى. بىر ئاي بويىچە بەرىكىتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن ئۆيلىرىمىزگە ۋە قەلبلىرىمىزگە مېھمان بولغان رامىزان ئېيى بىز بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بەلكى قايتا يەنە بىر قېتىم بۇنداق ئېسىل پۇرسەتلەرگە سازاۋەر بولالماسلىقىىزمۇ مۇمكىن دېگەن غەم - ئەندىشە يۈرۈكلىرىمىنى چىرمىماقتا. لېكىن شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، ئايرىلىشىشتىن ئىلگىرى قەدرىنى بىلىدىغانلارغا رامىزان ئېيى قەدىر كېچىسىنى ھەدىيە قىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى دۈشەنبەنىڭ ئاخىرى ۋە سەيشەنبەنىڭ باشلىنىشى بولغان كېچىدە قەدىر كىچىسىنى كۈتىۋالىمىز. قەدىر كېچىسى بىر ئۆمۈرگە بەدەل كېچە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كېچىسىدۇر. ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كىرىم دەل مۇشۇ كېچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە نازىل بولۇشنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم جاھالەتنىڭ زۇلمىتىگە چۆككەن ئىددىيەلەرگە ھەقىقىي پەرۋەردىگارىنى تونۇتتى. يارىتىلىش غايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، قەيەردىن كېلىپ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتقان ئىنسانلارغا ئۇنۇتقانلىرىنى قايتىدىن ئەسلەتتى. مانا بۇ قەدىر كېچسى ۋەسىلىسى بىلەن رەببىمىز قۇرئاننى زادى قانچىلىك قەدىلىگەنگىمىز نىسبىتىدە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە نائىل بولىدىغانلىقىمىزنى قايتىدىن ئەسلىتىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
بۇ كېچىنىڭ قەدرىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا مەرھىمىتى سۈپىتىدە كەلگەن قۇرئان كېرىمگە قەلب دەرۋازىمىزنى تۇلۇق ئېچىشىمىز لازىم. دۇنيا ئالدىراشچىلىقىدا چارچىغان رۇھىمىزنى، داتلاشقان قەلب ئەينەكلىرىمىزنى ئايەتمۇ ئايەت، سۈرىمۇ سۈرە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇتىشىمىز لازىم. مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئۇنىڭ بىلەن مەنىگە ئىگە قىلىپ، بەندىچىلىك ھاياتىمىزنى ئۇنىڭ بىلەن بەرپا قىلىشىمىز لازىم. ئىنسانلارغا پەزىلەتلىك بىر ھايات، خەلقلەرگە سائادەت ۋە مەدەنىيەت تەقدىم قىلىدىغان بۇ ئۇلۇغۋار كىتابىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا مىڭ ئايدىنمۇ بەك قىممەتلىك كېچىنىڭ قەدىرگە يەتكەن، قۇرئان كەرىم بىلەن ئۆمرىمىزگە بەرىكەت قوشالىغان بولىمىز. قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان رىشتىمىزنىڭ زادى قانچىلىك بولغانلىقىغا كۆرە قەدىر قىممەتكە ئىگە بولىمىز ياكى قىممىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز. قۇرئاننى قانچىلىك قەەدىرلىيەلىسەك، قەلب دۇنيايىمىزنى شۇنچىلىك شات – خوراملىققا تۇلدۇرالايمىز، دۇنيانى شۇنچىلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ماكانىغا ئايلاندۈرالايمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار!
دەرۋەقە، قەدىر كېچىسىنى قىممەتلىك مەنىلىك قىلغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم، ھەر بىر ئايىتى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۈر قىلىشىمىز ۋە تۇلۇق ئىجرا قىلشىمىز ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئىنسانلارغا ئۆز دۇنياسىنى ۋە ئاخىرىتىنى تۇنۇتقان ھايات كىتابى ۋە قوللانمىسىدۇر. ئۇ ئىنسانغا تۈپ تۈز قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان بىر يول سىزىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بەتلىرىنى ئاچقان كىشى ئۇ بەتلەردە ئۆزىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنى كۆرىدۇ. سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتنى، ساداقەت ۋە مۇھەببەتنى كۆرۈدۇ. چۈنكى ئۇ ياخشىلىققا ئاچقۇچ، يامانلىققا قۇلۇپ بولىدىغان بىر ئىلاھى كىتابتۇر. بۇ كىتابقا كۆڭۈل بەرگەن كىشىلەر تەۋھىد ۋە ساداقەت بىلەن ئىبراھىم خەلىلۇللاھقا ئايلانسا، ھەر تۈرلۈك جابا مۇشەققەتلەرگە قارشى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا ئايلىنىدۇ. بەزىدە خىلمۇخىل توزاقلارغا قارشى ئىپپەت ۋە ھاياسى بىلەن يۇسۈپ ئەلەيھىسسالامغا، يەنە بەزىدە ھىجران ۋە مۇسىبەتلەرگە قارشى ياقۇب ئەلەيھىسسالامغا ئايلىنىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى شەرەپ ۋە غۇرۇر شۇنداقلا سالاھىيەت سىنىقىدىن ئۆتمەكتە. دۇنيانىڭ تۆتلى ئەتراپىدا بىچارىلەرنىڭ قانلىرى تۆكۈلمەكتە. كېچىك بالىلار رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىنماقتا. ئانىلار قوللىرىنى كۆكسىگە ئۇرۇپ نالە قىلماقتا. قېرىنداشلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆز قېرىداشلىرىنى ئۆلتۈرمەكتە. بۇ ئەھۋاللار «بىر ئىنساننى ياشىتىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ياشاتقانلىق بولىدۇ» دېگەن ئىلاھىي سازلەر بىلەن ئىنسلارغا كەلگەن ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق، ئادالەت، ئىنساپ، شەپقەت ۋە مەرھەمەت چاقىرىقلىرىغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا كېلىڭلار! قۇرئانغا ئىمان ئېيتقان مۆئمىنلەر بولۇش سپىتىمىز بىلەن بۇ قەدىر كېچىسىدە قۇرئان كەرىمنى قايتىدىن تۇنۇپ چىقايلى! پۈتۈن ھاياتىمىزنى قۇرئان ئۇپىقىدا قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقايلى! بىز زادى قانچىلىك قۇرئان كەرىمنىڭ ئىچىدە ۋە قۇرئان كەرىم زادى قانچىلى بىزنىڭ ئىچىمىزدە كۆز يۈگۈرتۇپ چىقايلى! چۈنكى ئەلەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز قۇرئان كەرىمدىن بىرەر ئىز ياكى تەسىر كۆرۈنمىگەن كىشىنى خارابىلىككە ئايلانغان ئۆيگە ئوخشاتقان ئىدى. (تىرمىزى) دېمەك، خارابىلىككە ئايلانغان ئوينى ھېچ كىشى تەلەپ قىلمىغانغا ئوخشاش، دۇنيا ئالدىراشچىلىقلىرىدا ۋەيران بولغان، ئىنساپ ۋە ۋىجدانى يۇقۇلۇپ كەتكەن قەلبنىمۇ ھېچ كىشى تەلەپ قىلمايدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۇ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن دۆلىتىمىز ۋە قەلب جۇغراپىيەمىز بولغان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇبارەك قەدر كېچىسىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلەت ۋە بەرىكىتىگە ھەممەيلەننىڭ سازاۋەر بولۇشىنى، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيەتتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز.
خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا كېچىسى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان تۆۋەندىكى دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
«ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرۈسەن، مېنىمۇ ئەپۇ قىلغىن» (تىرمىزى) ئامىن!!!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر