ۋاقىت ياخشىلىق ۋاقتىدۇر، مۇشۇ رامىزان ۋە ھەر رامىزان

رامىزان مەكتىپىنىڭ ھەقىقىي تالىپى بولالىغانلار پاكلانغان بىر رۇھقا، ئاسارەت زەنجىزلىرىدىن ئازاد بولغان ئەركىن تەپەككۈرغا ۋە مەردانىلىق بىلەن بېزەلگەن بىر قەلب دۇنياسىغا ئىگە بولۇپ، ھەقىقىي بايرامغا يەنى ھېيت كۈنىگە يېتىپ بارىدۇ.

310419
ۋاقىت ياخشىلىق ۋاقتىدۇر، مۇشۇ رامىزان ۋە ھەر رامىزان

 

ۋاقىت ياخشىلىق ۋاقتىدۇر، مۇشۇ رامىزان ۋە ھەر رامىزان


ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «ياخشىلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق ۋە تېخىمۇ كۆپ فەزلى - ئىكراملار باردۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق باسمايدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» (سۈرە يۈنۈس 26 – ئايەت) دەيدۇ. 

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەر قانداق مۇسۇلمان سەدىقە بېرىشى لازىم» دەپ بۇيرىغاندا، ساھەبىلەردىن بىرسى، «سەدىقە بەرگۈدەك بىرەر نەرسىسى بولمىغان كىشى قانداق قىلىشى لازىم؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىشلەپ تاپىدۇ ۋە تاپقىنىدىن سەدىقىسىنى بېرىدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئاندىن ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار قانداق قىلىشى كېرەكلىكى سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇھتاج ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىگە ياردەمچى بولسۇن» دەيدۇ. ئاخىرىدا ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتى يوق كىشىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بېرىپ، «بۇنداق كىشىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن، ئۆزلىرىنى يامان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇتسۇن، چۈنكى بۇمۇ ئۇنىڭغا نىسبەن سەدىقىدۇر» دەيدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار! ئالەملەرگە رەھەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەسلىدە ياخشىلىقنىڭ ساناپ - تۈگەتكۈسىز تۈرلىرى تەرەپكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى بويىچە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۇرىدىغان ھەر قانداق پوزىتسىيە ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىق، بىرىنچى بولۇپ، دۇنياغا ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىشتۇر. ياخشىلىق، دۇنيانى بىر – بىرىمىزگە نىسبەتەن گويا جەننەت باغچىسىغا ئايلاندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى بىزگە سەمىمىي بىر شەكىلدە چىن يۈرەكتىن قىلىنغان ۋە قەلبلەرنى فەتھى قىلىدىغان ھەرقانداق گۈزەل ئىشنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي ياخشىلىق، شاتلىقىمىز، قايغۇلىرىمىز ۋە بار – يوقىمىزنىڭ ھەممىنى ئورتاقلىشالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. جانلىق ياكى جانسىز پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشىلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئادالەت، چارىسىزغا چارە، بىگۇناھقا ئۈمىد ۋە ئىگە – چاقىسىزغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشىلىق، قېيىن ئەھۋالدا قىلغانلارغا ياردەم قولىنى سوزۇش، مېھرى - شەپقەت بىلەن يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاش، يولدىن ئازغانلارغا يول كۆرسىتىش، يولدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلاش، ھەتتا بەزىدە قېرىندىشىغا تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قاراش ۋە رەنجىگەنلەرنى ئۆزئارا ئەپلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. يەنە بەزىدە ياخشىلىق، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن رەببىمىزگە چىن يۈرەكتىن يالۋۇرۇپ قىلغان دۇئالاردا ئۇچرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەزىز قىرىنداشلار!
مانا بۈگۈن رەھمەت ئېيى رامىزاننىڭ ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدۇق. رامىزان بىزلەرگە ھەر يىلى يېڭى بىر جان، يېڭى بىر رۇھ بولۇپ كېلىدۇ. بىزلەرنى تەربىيەلەيدىغان بىر مەكتەپكە ئايلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ، رەھمەت، مەغپىرەت ۋە پاكىلىنىش مەكتىپىدۇر. رامىزان مەكتىپىدە خەيرى – ئىھسان، ياخشىلىق، سەخىيلىق ۋە مەرتلىك بولىدۇ. بۇ مەكتەپتە مەيلى دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىنسانلارغا يارىدەم قولىنى سوزۇش، بىر قېرىندىشى ئاچ يەردە، ئۆزى توق ياتماسلىقنى ئۆگىتىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ۋە تىرىكلىكى ئۈچۈن قول ئىلكىدىكى نېئەمەتلەرنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. چېگرا ۋە مۇساپىلەرنى يوق قىلىپ تاشلايدىغان قەلب كۆۋرۈكلىرىنى سېلىش دەرسى بېرىلىدۇ. رامىزان مەكتىپىدە ئىسلامنىڭ رەھمەتلەرگە تولغان ئادالىتى، بىلىم، ھېكمەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئېسىل ئەخلاقى، چىن ئىخلاس بىلەن يۇغۇرۇلغان ياشخىلىقلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىش ئۆگىتىلىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ھەقىقىي تالىپى بولالىغانلار اكلانغان بىر رۇھقا، ئاسارەت زەنجىزلىرىدىن ئازاد بولغان ئەركىن تەپەككۈرغا ۋە مەردانىلىق بىلەن بېزەلگەن بىر قەلب دۇنياسىغا ئىگە بولۇپ، ھەقىقىي بايرامغا يەنى ھېيت كۈنىگە يېتىپ بارىدۇ.
مانا بۇ ئۇلۇغ مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى بىزگە قايتا – قايتا ئەسلىتىدىغان رامىزان، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئېيى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ھەر يىلى رامزاندا ياخشىلىققا ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز، نۈرگۈن نەرسىلەرنى ئەملىلەشتۈرىمىز. رامىزان ئۆز – ئۆزىگە، پەرۋەردىگارىغا، ئائىلىسىگە، يوقسۇللارغا، ئىگە – چاقىسىزلارغا، مۇساپىرلارغا، يېتىملەرگە، ياشانغانلارغا جۈملىدىن بارلىق مەخلۇقاتلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، ھازىرقى چاغدا دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئاچارچىلىق، نامراتلىق ۋە قورقۇنچ ئىچىدە تۈرمۈشنىڭ ئەڭ ئاددى ئېھتىياچلىرىنىمۇ قامدىيالمايۋاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ياخشىلىق، پىداكارلىق، ئورتاقلىشىش ئاساسەن ئوتۇلۇشقا يۈز تۇتقان، ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، تاجاۋۇزچلىق، زوراۋانلىق ۋە قەتلىئاملار چېكىگە يەتكەن بىر يەر شارىدا ياشاۋاتىمىز. بىز شۇنىمۇ ياخشى بىلىمىزكى، ياخشىلىققا مۇھتاج، ياخشىلىققا تەشنا، ياخشىلىق ئۈچۈن نالە قىلىۋاتقان ئىنسانلارغا يېتىپ بېرىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا ئېرىشتۇرۇش، مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرجىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
مانا بۇ دەۋرگە شاھىتلىق قىلىۋاتقان ۋە «مەن مۇسۇلمان» دېگەن ھەرقانداق كىشى ياخشىلىقنىڭ قايتىدىن قەلب دۇنيايىمىزدىن باشلىغانچە پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كېلىشى لازىم. ھەر بىر مۆئمىن ئۆزىدىن ۋە يېقىن ئەتراپىدىن باشلاش ئارقىلىق بارلىق ئىشلاردا ياخشىلىققا ئاچقۇچ ۋە يامانلىققا قۇلۇپ بولۇشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىشى لازىم.
ئەزىز قېرىنداشلار!
تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىىسى، ھەر رامىزاندا ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان بىر مەنىۋىي بايلىقنى، يەنى قىممەت قاراشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ئارقىلىق مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇ تەرەپكە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە. شۇڭا بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ تېمىسىمۇ «ۋاقىت ياخشىلىق ۋاقىتىدۇر؛ بۇ رامىزان ۋە ھەر رامىزان» دەپ بەلگىلەندى. چۈنكى ياخشىلىق يالغۇز دۆلىتىمىزلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇھتاج بولۇۋاتقان ۋە قاتتىق سىغىنىش ھېس قىلىۋاتقان مەنىۋىي بايلىقىمىزدۇر.
مانا بۇ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزدىن رامىزاننىڭ قەلب دۇنيايىمىزغا ۋە ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە تولغىنىۋاتقان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا، تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئادالەت شۇنداقلا مېھرى - مۇھەببەت ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز. ئامىن!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر