شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام

ئىككى شەھەرگە بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش- ئىزلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە...

309360
شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قۇرئاننىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام مەديەن ۋە ئەيكە خەلقىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكى مەلۇم. بەزى ئىسلامىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملاردىن كېين ياشاپ ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەزى مەنبەلەردە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ مەۋجۇت. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئۇچرايدىغان تەۋراتتا بولسا، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
قۇرئاندا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردىن قېچىپ چىقىپ، مەديەندە بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە قويلىرىنى سۇغۇرالمايۋاتقان ئىككى قىزغا ياردەم بېرىپ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ قىزلارنىڭ دادىسىنىڭ شۇئەيىب ئىكەنلكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى، مۇساغا ياردەم قىلغان كىشىنىڭ شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنىدىشى يەترۇن دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىشىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېيىن ئاتىسى بولغان كىشىنىڭ شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ئەمەسلىكىدە ھەم پىكىر. ئىبنى تەيمىيەنىڭ بايان قىلىشىچە شۇئەيىب ئەلەيھىسسالاممۇ ئائىلە كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ھۇد ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئەرەب نەسىللىك بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بولسا، ھەممىگە مەلۇملۇق ئىبرانىي نەسلىدىن كەلگەن بىر پەيغەمبەر ئىدى.
قۇرئان شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنى ئونبىر يەردە تىلغان ئالىدۇ. پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن خەلقنىڭ ئىسمى مەديەن ۋە ئەيكە دەپ كۆرسىتىلىدۇ. مەديەن ۋە ئەيكە ئۇ ۋاقىتتا ئۆزئارا قوشنا ئىككى دۆلەت ئىدى. ئىسلام مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىككە تەيىنلەنگەن جاينىڭ ھۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەتىنى بولۇپ، بۇ رايون شىمالىي ئەرەبىستان ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرق ساھىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان، مەديەن دېگەن سۆزنى ئادەتتە بىر قەۋمنىڭ ئىسمى شەكلىدە ئىشلىتىدۇ. مۇسۇلمان ئالىملار بولسا، بۇنىڭ مەديەن ئىبنى ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن كەلگەن بىر قەۋم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار ياشىغان جاينىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ. بۇ جاينىڭ خەلقى بولسا ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلىشىدۇ.
قۇرئاندا شۇئەيب ئەلەيھسسالامنىڭ قىسىسى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلىنىدۇ. مەزكۇر قىسسەلەردىن بىرىدە، شۇئەيب ئەلەيھسسالامنىڭ مەديەندىكى تەۋھىد كۆرىشى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىز مەديەن خەلقىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبە ر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار! سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەت، روشەن مۆجىزىلەر كەلدى.» بۇ ئايەتلەر مەيەن خەلقىنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىدىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاللاھ ئۇلارنى ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى قورقۇتۇش، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئىنسانلارنى توسۇش ۋە يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن توسقان. تارازا ۋە ئۆلچەملەردە ناھەقچىلىق قىلىشتىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى بۇ خىل يامان ئىللەتلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى باشقا بىر ئايەتتە، ئۇنىڭ ئەيكە خەلقىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىدىن سۆز قىلىنىدۇ. مەزكۇر قۇرلاردا يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھالدا ئالدى بىلەن سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن لۇت قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېينلا شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىنى بايان قىلىشقا باشلايدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
« ئەيكە خەلقىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى، دېدى. ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيىب ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى: سىلەر ئاللاھتىن قورقمامسىلەر! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەرمەن. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ۋەز-نەسىھەتلەر ئۈچۈن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىنلا تىلەيمەن. ئۆلچەمنى توشقۇزۇپ بېرىڭلار. كەم بەرمەڭلار. توغرا تارازىدا تارتىڭلار. كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى كەم بەرمەڭلەر. يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىپ، پىتنە- پاسات تېرىماڭلار. سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.»
بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەيكە خەلقىمۇ مەديەن خەلقىگە ئوخشاشلا، ئېتىقادىي جەھەتتىن توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەندىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەق- ھوقۇق مەسىلىلىرىدىمۇ ئادالەت، ئىنساپ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قېلىپىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن ئىدى. باشقىلارغا بەرگەندە كەم بېرەتتى. قايتۇرۇۋالىدىغان چاغدا بەرگىنىدىن ئارتۇق تەلەپ قىلاتتى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن يىراقلىشپ كەنكەنلىكتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. لېكىن ئۇلار شۇئەيىبنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى:
«سەن ھەقىقەتەن سېھىرلىنىپ قاپسەن، سەنمۇ بىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەمسەن. سېنى بىز يالغانچى، دەپ قارايمىز. ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا، بىزگە ئاسماندىن ئازاپ چۈشۈرۈپ باققىن.» يەنە باشقا بىر ئايەتتە كۆرسىتىلىشىچە، قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا تەھدىت سېلىپ، «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ، شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى بولمىسا چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭ كېرەك» دېگەن ئىدى. ئۇلار يەنە ھەددىدىن ئېشىپ، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارغىمۇ «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دەپ تەھدىت سالغان.
ئەسلىدە مۇنداق سۆزلەر، باشقا پەيغەمبەرلەرگىمۇ قارىتىلغان قېلىپلاشقان سەپسەتىلەر ئىدى. بۇنىڭ مېساللىرىنى قۇرئاندا كۆپ ئۇچرىتىمىز. شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام بولسا، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن قارشىلىقلىرىغا قارىماي ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار، ئىسسىق ھاۋادا سايىداش ئۈچۈن بۇلۇتنىڭ ئۇدۇلىغا يىغىلغان ۋاقىتتا ئاسماندىن بىر پارچە ئوت چۈشۈپ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ، ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەن جازا ئىدى. ئىنكارچىلىقنىڭ جازاسى ئاقىۋەت مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان بالايى- ئاپەتلەر بىلەن رەزىل- رەسۋا قىلىدۇ. يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى چوقۇم ئەزىز قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئۇلارنىڭ بولىدۇ. بۇنىڭ مېساللىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز.
يۇقىرىدىكى ئەھۋالدىن كېيىن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بىر ئىبىرەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئىمان ئېيتمىدى. سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىپتۇر. ناھايىتى مېھرىباندۇر.» بۇ قىسسە، ئەلۋەتتە ئىبرەتلىك بىر قىسسە. پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئادالەتسىزلىك، يولسىزلىق ۋە ناھەقچىلىقتا تەرسالىق قىلىپ، چىڭ تۇرۇۋالغان قەۋمنىڭ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ھالاك بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر