بىر پىيالە سۈت

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە ئۆمەر ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن.

293017
بىر پىيالە سۈت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە ئۆمەر ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. ئۆمەر مومىسى بىلەن بىرلىكتە ياشايدىكەن. ئۆمەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بارىدىكەن، قايتقىنىدا سۇ سېتىپ ئۆينىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن. بۇ ئەھۋالدىن مومىسىنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىكەن. موماي ھەر دائىم:
-ئاھ ئوغلۇم، ياش بولغان بولسام، سېنى ھەرگىزمۇ جاپا تارتقۇزمايتتىم، - دەيدىكەن. ئۆمەر بۇنى ئاڭلىغاندا:
- موما، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. مەن ھەم ئوقۇپ، ھەم ئىشلەيمەن. ئەنسىرىمىگىن، - دەپ، مومىسىغا تەسەللىي بېرىدىكەن. ئۆمەر ناھايىتى ئىشچان بولۇپ، دەرسىلىرىدىمۇ ياخشى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەپتۇ ۋە كۈندىلىك ئادىتى بويىچە قولىغا سۇ سىۋىتىنى ئېلىپ:
- سۇ، مۇز كەبى سۇ بار. ئاكىلار، ھەدىلەر ئۆمەردىن سۇ ئېلىڭلار، - دەپ توۋلاپ، كوچىمۇ كوچا ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. سۇ سېتىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن. ئۇ كوچا ئايلانغاندا، بىر تەرەپتىن ئېغىر سىۋەتنى كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچىنىڭ بېرىچە ئۈنلۈك توۋلاشقا مەجبۇر ئىكەن. ئۇ كۈنى ئۆمەر ناھايىتى ياخشى سودا قىپتۇ. سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ تۈگىتىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تائام سالىمغانلىقىنى ۋە سۇ ئىچمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ. ئۇ:
- ئاچلىقتىن بېشىم قىيىۋاتىدۇ، ھەم بەك ئۇسساپ كەتتىم. بالدۇرراق ئۆيگە قايتاي، - دەپ ئويلاپتۇ. ئۇنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەنلىكتىن، يولدىن ئىزىپ قاپتۇ. توساتتىنلا ئۆيلەر ئازىيىشقا باشلاپتۇ. ئۆمەر قورقۇشقا باشلاپتۇ. ئۆمەر تۇيۇقسىز يىراقتىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ ئاۋازنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئەتراپقا دىققەت بىلەن قاراپتۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا:
- ھەي بالا، مەن بۇ يەردە، - دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ئۆمەر يەنە ئەتراپقا قاراشقا باشلاپتۇ. ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىغان ئىكەن، ياش بىر قىزنى كۆرۈپتۇ. قىز:
- بۇ يەرگە كەل، سېنىڭ ناھايىتى تەسلىكتە مېڭىۋاتقانلىقىڭنى دېرىزىدىن كۆردۈم. قورسىقىڭ بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك. بۇ سۈتنى ئىچكىن، ئاندىن بۇ پېچىنىلەردىن يىگىن، - دەپتۇ. ياش قىز ئۆمەرگە ئۆيىگە بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ئۆمەر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە سۈتنى ئىچىپ، پېچىنىلەرنى يەپ تۈگىتىپتۇ. ئۇ قىزغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ، ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۆمەر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، داڭلىق دوختۇر بوپتۇ. بىر كۈنى ئۆمەر ئىشخانىسىدا ئولتۇرغىنىدا، بىرسى ئىشىكىنى قېقىپتۇ. يېشى چوڭ بىر ئايال ئۆمەرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپتۇ. ئۆمەر ئۇ ئايالنى كۆرۈپلا، بۇنىڭدىن يىللار بۇرۇنقى ھېلىقى ئىش ئېسىگە كەپتۇ. ئايال ئېغىر كېسەل ئىكەن. ئۆمەر دەرھال ئايالنىڭ بالنېست رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، ئوپېراتسىيە قىپتۇ. ئايالنىڭ ئوپېراتسىيەسى غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپتۇ. ئايال ئېسىگە كەلگەندە، سېستىرا ئۇىڭغا بىر لىپاپ بېرىپتۇ. ئايال:
- داۋالىنىش چىقىمىمنى قانداقمۇ قىلارمەن، - دېگىنىچە لىپاپنى ئېچىپتۇ. لىپاپنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە خەتنى كۆرۈپ، يىغلاپ كېتىپتۇ. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىكەن:
- داۋالىنىش چىقىملىرىڭىز بىر پىيالە سۈت ۋە پېچىنىلەر بىلەن تۆلەندى. ھۆرمەت بىلەن:
-دوكتور ئۆمەر.
شۇنىڭ بىلەن چۆچىكىمىزمۇ بۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر