سىياسەتكە سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئەرمەنلەر مەسىلىسى

پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

248544
سىياسەتكە سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئەرمەنلەر مەسىلىسى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 121
«سىياسەتكە سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئەرمەنلەر مەسىلىسى»


ئەرمەنلەر مەسىلىسى ئونلىغان يىللاردىن بۇيان ھېلى ئۆرلەپ، ھېلى تۆۋەنلەپ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مەسىلە گەرچە 1915 – يىلىدىكى ئازابلىق ۋەقەلەرنى مەركەز قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چوڭ ئىغۋاگەرچىلىك سەپەرۋەرلىكى ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئارقىسىدا خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك بەزى چوڭ ئاكتىيورلار رول ئوينىماقتا. شۇ ۋەجىدىنلا بۇ مەسىلە خەلقئارا سىياسەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئايلىنىپ قالماقتا. ئەرمەن لوبىلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر ياكى دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن «ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋەقە ئەسلىدە تارىخىي مەسىلىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەتتۇر. 100 يىل ئىلگىرىكى ۋەقە سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى مەنپەئەت ۋە كۈچ تەڭپۈڭلۇقلىرى رىقابىتىگە ۋاستە قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ قېتىم پاپانىڭ قىلغان سۆزى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقى» قارارىمۇ مەزكۇر ۋەقەنى دەستەك قىلىپ، تۈركىيەنى جىنايەتچى ئۈستىلىدە ئولتۇرغۇزۇشنى ۋە تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلماقتا. خەلقئارا ئاكتىيورلار ئەرمەنلەر مەسلىسىگە دائىر ئويدۇرۇلغان بىر ئىزاھاتنىلا قوللاپ، باشقا ئىزاھاتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. «ئەرمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىغۋاگەرچىلىك، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى قوللىغانلارنىڭ قاراشلىرىغا ئېتىبار بەرمەي كەلمەكتە.
بۇنداق ناتوغرا ئەھۋاللارغا نىسبەتەن تەرەپسىز قاراشلارغا ئىگە، تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ سوراشقا تېگىشلىك سوئاللىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
1- تارىختا 100 يىل ئىلگىرى زادى قانداق ۋەقە يۈز بەردى ۋە ئۇ ھەقتە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان قاراشلار توغرىمۇ؟
2 - بۇ تارىخىي ۋەقەگە سىياسەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
3- بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ قۇربانلىرى ۋە سادىر قىلغۇچىلىرى دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان ئەرمەنلەر بىلەن ئوسمانلى ياكى تۈركلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى سالاھىيەتلىرىچۇ؟

بىرىنچى سوئالنىڭ جاۋابى تولۇق بىر تارىخىي مۇنازىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىتەرەپ قاراشقا ئىگە ھەرقانداق كىشى شۇنى ياخشى بىلىدۇ ۋە بىلىشى كېرەككى، تارىخ ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كونكېرت ھۆججەت ۋە پاكىتلارغا تايانغان بولۇشى شەرت. دېمەك ئەرمەنلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا تاشلانغان پىكىرلەر ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى مۇئەييەنلەشكەن بولغاندىن سىرت، ئىلمىي دەلىل بولۇش كۈچىگىمۇ ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. ۋەھالەنكى بارلىق تارىخشۇناسلار ۋە ئىلغار زىيالىيلار شۇنى پۇختا بىلىدۇكى، تارىخنىڭ ياكى تارىختىكى بىرەر ۋەقەنىڭ يۈزدە يۈز ئىسپاتلىنىپ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى تارىخ ئۆتمۈشتىكى بىر دەۋر بولۇپ، ئۇنى مۇتلەق بىر شەكىلدە بۈگۈنكى دەۋردە ئاڭلىتىش ۋە بۈگۈنكى دەۋرگە يۆتكەشمۇ مۇمكىن ئەمەس. تارىخ بىپايان بىر ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ھەرقانداق بىر تەتقىقاتچى ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا ۋە ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە تېگىشلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى تامامەن مۇمكىندۇر.
تارىخ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ياخشىلار بىلەن يامانلار، ئىجابىيلىق بىلەن سەلىبىيلىكلەر يانمۇ يان يۈرۈيدىغان نۇرغۇن ھادىسىلەرنىڭ جۇغلانما سىۋىتى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ سىۋىتىدىكى مىليونلىغان ھۆججەتلەردىن تاللاپ يۈرۈپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ھەرقانداق قاراش، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارغا كۆرە ھەر خىل بولىدۇ. تارىختىن بىرلا ۋاقىتتا ھەم كاتتا زەپەرلەرنى ھەم كاتتا مەغلۇبىيەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا تارىختىن سوت كوللېگىيەسى ئۈندۈرۈش پۈتۈنلەي بىر ئىزاھلاش مەسىلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. چۈنكى خالىغان كىشى قاپقارا، يەنە خالىغان كىشى ئاپئاق بىر تارىخ ياساپ چىقالايدۇ. مانا بۇ ئالاھىدىكى بىلەن تارىخ ئىلمىي پىرىنسىپ ئەمەس، پۈتۈەنلەي بىتەرەپ بىر ئىزاھلاش پائالىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.
دېمەك، 1915 - يىلى 24 - ئاپرېل بىلەن سىېۋوللاشتۇرۇلغان ۋەقەلەرنىڭ «ئەمەنلەر قىرغىنچىلىقى» دەپ تەرىپلىنىشى ۋە ئۇنى ۋە بىردىن - بىر توغرا بىتەرەپ، ئىلمىي ھەقىقەت دەپ قارىۋېلىش پۈتۈنلەي سىياسىي پوزىتسىيەدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخنىڭ سىمۋوللار ئارقىلىق سىياسىلاشتۇرۇلىشىدىنلا ئىبارەتتۇر.
دېمىسىمۇ تارىخىي ئانالىزلار ئەسلىدە سىياسىي تاللاشتىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخ قارىشىمىز، بىزگە سۇنۇلغان مەلۇم بىر تارىخىي ئىزاھاتنىلا قوبۇل قىلغانلىقىمىزدۇر چۈنكى بىز باشقا تارىخىي قاراشلارنى بىلمەيمىز ياكى قوبۇل قىلمايمىز. مانا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوت ياكى تەنقىدلەرمۇ ئەسلىدە سىياسىي ۋە ئىددىيىۋىي تاللاشتىن ئىبارەتتۇر. ئاتالمىش «ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقى» دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلىشمۇ، ئەرمەنلەر تارىخىنىڭ، بەزى سىياسەتچىلەر ۋە ئىدېئولوگىيەشۇناسلار تەرىپىدىن ئىدىيەۋى ۋاستە سۈپىتىدە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنى قوللىغانلىقتۇر. بۇنىڭ زامانىۋى رېئاللىق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە نىسبەتەن ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
ئاتالمىش «ئەمەنلەر قىرغىنچىلىقى» تارىختىكى ئازابلارنى ۋە خاتالىقلارنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەگە مەھكۇم قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەم ئازابلىرىغا كۆڭۈل بولۇش ۋە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىك ئەرمەنلەرگە نىسبەتەن، ھەم خاتالىقنى سادىر قىلغۇچى دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ ناھەقچىلىقتۇر. مىڭلىغان يىل بىرلىكتە ياشىغان ئەرمەنلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىخىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشقا دۇچ كېلىشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا قىلىنىۋاتقان خاتا بۇزغۇنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.
ئەرمەنلەر تارىخىغا بۇ شەكىلدە پوزىتسىيە قىلىش مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي تەرىزدە چۈشىنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانغا ئوخشاش مەۋجۇت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يېرىكلەشتۈرۈۋەتمەكتە. بۇنىڭ نە ئەرمەنلەرگە، نە تۈركلەرگە، نە دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى تارىخىي ئازابلارنى بويلاپ مەلۇم بىرسىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، بۈگۈننى مۇستەھكەملەش تېخىمۇ ئەملىيەتچىلىك پوزىتسىيە بولاتتى. بۇنداق قىلىش تارىخنى ئۇنتۇش ئەمەس، تارىخنىڭ ئىجابىي ۋە سەلىبىي بارلىق ئىزاھلىرىنى مەلۇمات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، بۈگۈننى قۇرۇپ چىقىشقا يۈزلەنگەنلىك بولاتتى.
تۈركىيە ئەرمەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1915 - يىلىدىكى تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنى ئەيىبلەشنى بىر ئىنسانىي ۋىجدان بۇرچى، دەپ قوبۇل قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بۈگۈنكى تۈركلەر ئەرمەنلەر بىلەن گىرەلەشكەن ھالدا ياشىماقتا. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەرمەن پۇقرالارنىڭ ھەممىلا ساھەدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. تۈركىيە ئەرمەنلىرى مېديا، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئورۇن ئالغاندىن سىرت، تۈركىيە باش مىنىستىرىلىقىدىمۇ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەنمەكتە. 7 - ئىيۇندىكى ئومۇمىي سايلاملاردا پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈنمۇ ھەرقايسى پارتىيەلەردىن ئەرمەن نامزاتلار كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەلۋەتتە بارلىق ئەرمەن پۇقرالار تەڭ باراۋەر پۇقرالىقھەق - ھوقۇقىغا ئاساسەن بۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرگە لايىقتۇر. بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى بولسا، تارىخقا قايتىپ ھېسابلىشىش ئارقىلىق ئەمەس، تارىخنى ئارقىمىزدا تاشلاپ، بۈگۈنىمىزگە قاراش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقۇسى.
ئ


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر