پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بىرلىكتە ياشاش ئەخلاقى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (15)

232780
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بىرلىكتە ياشاش ئەخلاقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بىرلىكتە ياشاش ئەخلاقى


ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
ئى ئىنسانلار شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، بىر – بىرىڭلارنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى ئىرق ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. ئاللاھقا ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىڭلاردۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر ۋە ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. (سۈرە ھۇجىرات 13 – ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىىسى - شەرىپىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئىنسانلار دىققەت قىلىڭلار! رەببىڭلارمۇ بىر، ئاتاڭلارمۇ بىردۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىقتىن باشقا ئەرەبنىڭ ئەرەب ئەمەسلەردىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر» (ئىبنى ھەنبەل)
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقاندىن كېيىن، بىزنىڭ بۇ ئالەمدىكى مەۋجۇتلىقىمىز باشلاندى. بۇ باشلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىمتىھان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان بىر ۋەزىپىمۇ يۈكلەندى. ھەممىمىز بىرلىكتە ياشاپ بۇ ئالەمنى گۈللەندۈرۈشكە تەيىنلەندۇق. بىراق بۇ ئۇلۇغ يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى ۋە غايىسى پات - پات ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. مەنبەسى ئوخشاش ۋە بىر ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇ قېرىنداش ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدا، ئۈستۈنلۈك تالىشىش ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىنسانلارنى قۇربان قىلىش، ئىنساننىڭ غۇرۇرى ۋە شەرىپىگە ماس كەلمەيدىغان ھەر خىل قىلمىشلارنى پەيدا قىلىش ھادىسىلىرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت نۇرغۇنلىغان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا شاھىت بولدى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاخىرقى پەيغەمبىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قايتىدىن ئاگاھلاندۈردى. ئۇنىڭغا ھاياتلىق كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى ۋەھى قىلىپ نازىل قىلدى. ھەر دائىم بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى، ئەخلاق، ئادالەت، ھەق – ھوقۇقنى قاتتىق تەكىتلەيدىغان قۇرئان كەرىمنى يوللىدى.
ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھەق – ھەقىقەت ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئىنسانىيلىقنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. ئادالەت ۋە شەپقەتكە تولغان تەلىماتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى قايتا جاكارلىدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىنسانلارغا ھەقىقىي باراۋەرلىكنى تەلىم بەردى. ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا جان، مال، ئېتىقاد ۋە سالاھىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە دائىر ئەڭ نادىر مىساللارنى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىش - ئىزلىرىدىن كۆردى. ئۇنىڭ «بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ، بىر جاننى قۇتقۇزغان كىشىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزغان بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ ئىلاھىي پىرىنسىپ قارىشىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساندەك ياشاش يولىدىكى چەتكە قېقىش، خورلاش، ئەيىبلەش ۋە خەلقنىڭ مەلۇم قاتمال قىممەت قاراشلىرىدىن باشقا قىممەت قاراشلارغا مايىل بولغانلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈش قاتارلىق توسالغۇلارغا قارشى مىسلىسىز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىمىز ئادەمدىن تۆرەلدۇق، ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا، تۇپراقتىن يارىتىلدى» (ئەبۇ داۋۇد) دېگەن سۆزى ئارقىلىق جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مەرتىۋە - مەنسەپ، شان - شۆھرەت، بايلىق ۋە ئەسەبىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا قىممەت قاراشلىرىنى يوق قىلىپ تاشلىدى. ياشاش ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چېكىنمەيدىغان بىر جەمئىيەتنى، قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە قېرىنداشلىرىنى ياشىتىش ئۈچۈن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماي ترىشچانلىق كۆرسىتىدىغان جەمئىيەتكە ئايلاندۈردى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن بۇ قەدىمكى ئەنئەنىمىزدە بىرلىكتە ياشاشنىڭ ئەڭ گۈزەل مىساللىرى يارىتىلغان ئىدى. قانچىلىغان ئەسىرلەرگىچە، ئانادولۇدىن باشلانغان پۈتۈن ئىسلام دىيارلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دىن، ئوخشاش بولمىغان ئىرق، مەزھەپ، ۋە مەشرەپلەرگە تەۋە ئىنسانلار بىر - بىرىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان شەكىلدە ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بىرلىكتە ياشىغان ئىدى. ئۆزئارا ھۆرمەت، خۇشپېئىللىق، سۆيگۈ - مۇھەببەت، ئورتاقلىشىش، ياردەملىشىش، ئىشىنىش ۋە ئىشەنچ بېرىش، قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى مانا بۇ ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەدەنىيەت «يارىتىلمىشلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن سۆيگىن» دېگەن يۈكسەك ئاڭغا ئىگە يۇنۇس ئەمرىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. «سەن مەن ئىدىم، مەن سەن ئىدىڭ، شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىمىز بىلەن بۇنچە ئۇرۇشلارنى قىلىپ يۈرگۈدەكمىز؟» دېگەن مەۋلانا جالالىدىن رۇمىلارنى دەل مانا بۇ مەدەنىيەت ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلغان ئەمەسمىدى؟!
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمىزكى، بىرلىكتە ياشاش مەسىلىسى بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسىگە ئايلاندى. مانا بۈگۈنكى كۈندە بەزى غەرب ئەللىرى خەلقى ئارىسىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەتلىك سۆزلەر ۋە ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرى ئەۋج ئالماقتا. شەرقتىمۇ بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەر مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىپ، يەكلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان سەلىبىي مۇھىتلارنى پەيدا قىلماقتا. ئەپسۇسكى يەنە بەزى ئىسلام ئەللىرىدە مەزھەپ ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلار تۈپەيلى ئىچكى ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلمەكتە. گۇناھسىز ئىنسانلار ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلمەكتە. قانچىلىغان قىممەتلىك شەھەرلەرنىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشلىرى ۋە مەدەنىي ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزلەرنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا قۇرئان كەرىمنىڭ ھايات بەخش پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋر ھالقىغان ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋەزىپىمىز بار. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىنسانىيەتنىڭ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ زوراۋانلىق ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەپقەت ۋە ھېكمەتلەرگە تولغان تەلىماتلىرىدا ساقلىنىپ ياتماقتا. ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتىدىن تىنچلىق ۋە ئامانلىق دىيارى بولۇشى، ئىسلامنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان مىسلىسىز پىرىنسىپلىرىغا مەھكەم ئېسىلىشىمىزغا باغلىق. ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى توقۇنۇش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرەلىشىمىزگە باغلىق. دۆلىتىمىز ۋە قەلب دۇنيايىمىزغا، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، خاتىرجەملىك رەھىم - شەپقەت، ئادالەت، سۆيگۈ ۋە ئەخلاق -پەزىلەتنى سىڭدۈرۈشنىڭ يولى، بىرلىكتە ياشاش ئەخلاقىمىزنى قايتىدىن ئەمەلىيلىشىدىغان ھالغا كەلتۈرەلىشىمىزگە باغلىق.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۇ قاراش بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پىرىنسىپلىرىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە بۇ جەھەتتە خەلقنى ئىجتىمائىي ئاڭغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، بۈ يىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ھەپىتىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرى» دەپ نام بەردى. پۈتۈن ھەپتە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۇرۇپ كەتكەن ئۈلگىلەر دائىرىسىدە بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرىمىز ئەتراپىلىق مۇلاھىزە قىلىنىدىغان بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان مەۋلۇت كۈنلىرى ھەپتىسى مۇراسىملىرىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ - مۇھەببەت رىشتىسىنى تېخىمۇ مەستەھكەملەشكە ۋەسىلە بولۇشىنى، ئۆزئارا سۆيگۈ، ئۈلپەت، مۇھەببەت، قېرىنداشلىق، ئورتاقلىشىش، ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تىلەيمىز. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ھەقىقي سۆيگۈ ۋە مېھرى - شەپقەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر