شاھ فىرات ھەرىكىتى

«شاھ فىرات» ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان سوئاللار «تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ۋە مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇ ھەرىكەتنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى قايسى؟» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

246598
شاھ فىرات ھەرىكىتى


«شاھ فىرات ھەرىكىتى»

تۈركىيە 22 – فېۋرالدا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا يەنى چېگرادىن 37 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان زېمىنى سولايمان شاھ مەقبىرىسى ھۆرمەت قاراۋۇلخانىسىنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ھەمكارلىقى بىلەن يۆتكەش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. (قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن بىر ئەسكەر شېھىت بولغاندىن باشقا) ھېچ قانداق توقۇنۇش، قارشىلىق ياكى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىگە دۇچ كەلمەستىن ھەرىكەت نەتىجىلىك ھالدا ئىشقا ئاشتى. سولايمان شاھ مەقبىرىسى ھۆرمەت قاراۋۇلخانىسىدىكى 38 نەپەر ئەسكەر سۈرىيەنىڭ ئەشمە دېگەن يېرىگە يۆتكەپ كېلىندى. «شاھ فىرات» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ ھەرىكەت پۇتۇن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. خەلقئارادا ئومۇمەن دېگۈدەك بۇ ھەرىكەتكە قارىتا ئىجابىي باھالار بېرىلدى. چۈنكى بۇ ھەربىي ھەرىكەت 1921 – يىلىدا ئىمزالانغان كېلىشم ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئالدى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھەرىكەت ھەققىدە نوتا تاپشۇرۇپ ئاندىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق سۈرىيەنىڭ ۋە سۈرىيەنى قوللاۋاتقان ئىراننىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىدى. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان ئىرانغا قارشى ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا نە ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىدىن، نە رۇسىيەگە ئوخشاش شەرق ئەللىرىدىن، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلاردىن نازارىلىق بىلدۈرۈلمىدى. بۇ ئەھۋال «شاھ فىرات» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرىكەت ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان سوئاللار «تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ۋە مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇ ھەرىكەتنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى قايسى؟» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىىڭلارغا سۇنىمىز.


*** ** ** **** ** **** *** *****


ئالدى بىلەن «شاھ فىرات ھەرىكىتى»نىڭ كۈتۈلمىگەن بىر ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇشلىرى ئوتتۇرىسىدا قالغان سولايمان شاھ مەقبىرىسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئىدى. رايوندا تەسىر كۈچى بولغان «ئى ش ئى د» ۋە باشقا گۇرۇپپىلار سەۋەبىدىن سولايمان شاھ مەقبىرىسىدىكى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى يەتكۈزۈش جەھەتتىن خېلى نۇغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان سولايمان شاھ مەقبىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۈنتەرتىپتە تۇرۇپ كەلگەن ھەمدە پات - پات مىنىستىرلەر كابېنتىدا مۇزاكىرىلەرمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ ئالدىدا مۇنداق ئۈچلا يول بار ئىدى:
1 - تۈركىيە بۇ جايدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رايوندا بىر ھەربىي جەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دائىم مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرىشى كېرەك.
2 - رايوندىكى گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىشى كېرەك.
3 - ھازىرقىغا ئوخشاش مەقبىرىنى ۋە 39 نەپەر ئەسكەرلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر بىر رايونغا يۆتكەپ كېتىشى كېرەك.
تۈركىيە بۇلارنىڭ ئىچىدە خېيىم - خەتىرى ئەڭ ئاز بولغان، قان ئاقمايدىغان 3 – يولنى تاللىدى.
تۈركىيە ئەگەر بىرىنچى يولنى تاللاپ، مەقبىرىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە رايونغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەسكەر يوللىغان بولسا ئىدى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئاكتىيورىغا ئايلىنىپ قالاتتى. شۇڭا تۈركىيە ئىككىنچى يولنىمۇ تاللىماي، «ئى ش ئى د» بىلەن ۋە ياكى باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوقۇلۇقىنى ھەمدە سۈرىيەدە ھېچ قانداق ھەربىي قولى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە تاللىغان بۇ 3 – يول ئەڭ تىنچلىقپەرۋەر، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيە بولدى. تۈركىيە بۇ ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا كىرىپ قىلىشنى، ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىي پارچىلىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىغا دائىر قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولدى. ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مەقبىرىگە ۋە قاراۋۇللارغا شۇنداقلا شۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە قىلىنىش ئېھتىىمالى بولغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى بۇ جەھەتتە مۇنداق 4 خىل ئېھتىماللىق يۈز بېرشى خەۋپى بار ئىدى.
1 – تۈركىيەنىڭ 19 – فېۋرالدا ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقانلىقى «ئى ش ئى د»نىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان ئىدى. چۈنكى تۈركىيە بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەۋقەدە ئىكەنلىكىنى ۋە «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، نەتىجىدە «ئى ش ئى د»نىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. شۇڭا تۈركىيە بۇ ئېھتىماللىقنى ھېچ بولمىغاندا سۈرىيەدە بولسىمۇ يوق قىلغان بولدى.
2 - ھەلەپ ۋە شىمالى رايونىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، «ئى ش ئى ي»، قوزغىلاڭچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە يېتەرلىك مۇداپىئە كۈچىگە ئىگە بولمىغان مەقبىرە ۋە ئەسكەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ خەۋپلىك ھالغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى بار ئىدى.
3 – تۈركىيە ئەسكەرلىرى مەسىلەن ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنگە ئوخشاش تېرىكلا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسا، ئاجايىپ چوڭ ۋەيرانچىلىق كېلىپر چىققان بولاتتى. بولۇپمۇ تۈركىيە ئومۇمىي سايلام مەزگىلىگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۇ خىل ھۇجۇملارغا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭ ئاپەتلىك تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولاتتى. شۇڭا تۈركىيە بۇ خىل ئازابلىق ئەھۋالغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن خۇددى مۇسۇلدىكى 49 نەپەر كونسۇل خادىمىنى قۇتقازغاندەك ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قىلىشنى تاللىدى.
4 - ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش گويا بىر پاتقاقلىققا ئايلىنىپ قالدى. تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سۈرىيە پىلانلىرىدىكى نىشانلار ئىشقا ئاشمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلىرىنى يېڭىلاش ۋاقىتى كەلگەن ئىدى. «شاھ فىرات» ھەرىكىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بارلىقىدىنمۇ دېرەك بەردى. قوزغىلاڭچىلارنى تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇش كېلىشىمى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، تۈركىيەنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئاكتىيورلارغا ئوخشاش ئالدى بىلەن «ئى ش ئى د» تەھدىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋلغىلى بولىدۇ. تۈركىيە ئەلۋەتتە ئەسەد ھاكيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت نىشانىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. بۇنداق بولۇش ئېھتىمالىمۇ يوق. بىراق بۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈنمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇھىم بولغانلىقى يۈزىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئاكتىيورلار بىلەن بىردەك ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
تۈركىيە «ئى ش ئى د» غا قارشى يالغۇز ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى «ئى ش ئى د»غا قارشى گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ ھەمكارلاشماقتا. مەسىلەن تۈركىيە شۇ مەقسەتتە ئىراقتىكى پەشمەرگىلەرگە ھەربىي تەلىم بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن كوبانىنىڭ «ئى ش ئى د»دىن قۇتۇلۇشىدىمۇ تۈركىيەنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى گەرچە دەسلەپتە چەكلىك سەۋىيەدە بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە تېخىمۇ كۈچەيدى. «شاھ فىرات ھەرىكىتى»نىڭ كوبانى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشىمۇ شۇنىڭدەك بىردەكلىكنىڭ بۇ يەردىمۇ ماۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىگە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ چارە باسقۇچى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتيايىن ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى چوقۇم قەيت قىلىش لازىم.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر