تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 112

پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

231498
تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 112


«ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا؟»


ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن مىنسىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ماركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى خوللاندنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرىشى نەتىجىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشەنكو ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا 13 ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى. كېلىشىم ئاساس جەھەتتىن ئۇرۇش بولۇۋاتقان لۇھانسىك ۋە دونېتسىك رايونلىرىدا 15 – فېۋرالدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش، ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈش، ئاندىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئاخىرىدا ئۇكرائىنا دۆلىتى بىلەن ماسلىشىش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى «AGİT» تەرىپىدىن كۆزىتىلىشى، دوكلات ھازىرلىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى قوبۇل قىلىندى. بۇ ئارقىلىق تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى، پىدائىيلارنىڭ قورالسىزلاشتۇرۇلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى پىلانلانماقتا. بىراق بۇ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ زادى قانچىلىك نەتىجىلىك بولۇشى، نەتىجىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، زادى قانچىلىك ئادىل ۋە ھەققانىي بىر كېلىشىم بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەمدە ئەڭ مۇھىمى رۇسىيەنىڭ ئاخىرىدا قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر بۇ كېلىشىمنىڭ رۇسىيەنىڭ غەلىبىسى بولغانلىقىنى ۋە ئادالەتسىز بىر نەتىجىنى مەيدانغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلىگىرى سۈرمەكتە.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ***** ** ***** ***** **** **
توغرا مىنسىك كېلىشىمى، ئۇكرائىنانى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتۇرالمايدۇ. شۇنىڭدەك كېلىىشمگە رۇسىيە ئىگىلىۋالغان قىرىم تارتار رايونى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ماددا كىرگۈزۈلگىنى يوق. كېلىشم تولۇق ئىجرا قىلىندى، دېگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشقان بولمايدۇ. ئۇكرائىنا ھەتتا نە دونېتسىك ۋە لۇھانسىك رايونلىرىدا باشقا رايونلاردىكىگە ئوخشاش ھاكىمىيەتكە ئىگە بولالمايدۇ، نە قىرىم ۋە قارادېڭىز قىرغاقلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەسىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.
بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ:
ئۇكرائىنا ئۇرۇشتىن ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن چوڭ يوقۇتۇشقا دۇچ كەلگەن ۋە رۇسىيە ئىكرائىنا ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئىشقا ئاشۇرغان، تېخىمۇ مۇھىمى رۇسىيە بۇ كېلىشم ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بولغان گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئۈستىدىكى تەسىرىنىمۇ نامايان قىلغان بولىدۇ. رۇسىيە مىنسىك كېلىشىمى ئارقىلىق ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىگە قوبۇل قىلدۇرغان بولىدۇ. دەل مانا بۇ جەھەتتىن ھەققانىي، ئادىل بىر كېلىشىم بولدى ديىشكە بولمايدۇ.
بىراق ھەممىلا ۋەقەلەردە بولغانغا ئوخشاش ئۇكرائىنا مەسىلىسىگىمۇ باشقا نۇقتىلاردىن بىتەرەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. مىنسىك كېلىشىمىنى «ياماننىڭ ياخشىسى» قاتارىدىكى بىر كېلىشىم دەپ قاراش ھەمدە بۇ «يامان»نىڭ سەۋەپلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، كەلگۈسىدە ئوڭشىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ. «ياماننىڭ ياخشىسى» ھېساپلىنىدىغان بۇ مىنسىك كېلىشىمىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ۋە مۇقىمسىزلىقنى توختىتىپ قالغان بولۇشى مۇھىم. چۈنكى بۇ ئۇرۇش بولۇپمۇ ئۇكرائىنانى خېلي ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى. ناۋادا توختىتىلمىغان بولسا، تېخىمۇ چوڭ زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىدى. ئۇكرائىنا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە تەرەپلەر ھېچ بىرسىنىڭ تۇلۇق غالىپ چىقىشى مۇمكىن كۈرۈنمىگەنگە ئوخشاش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانلارنى تارتىشىمۇ تامامەن مۇمكىن ئىدى. خۇددى 1980 – يىلىدىن ۋە 1988 - يىللىرىغىچە يۈز بەرگەنن ئىران – ئىراق ئۇرۇشىغا ئوخشاش ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى قورال كۈچى تەڭپۇڭلىقى، ھەر ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ بەك ۋەيران قىلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن تەڭپۇڭلۇق ئۇرۇشىنى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرىدىغاننىڭ ئورنىغا مەلۇم بىر نۇقتىدىن تىنچلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق ئىش تۇتقانلىق بولاتتى. مەسىلەن تۈركىيەمۇ ئازاتلىق ئۇرۇشىدا گىرېتسىيە ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا مونتىرو ۋە لوزان كېلىشىمىنى ئىمزالاشقان ئىدى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىرى زور بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. بىراق رۇسىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىمۇ ئايرىم مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدا، بىرىنچى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يانۇكاۋۇچنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىشى، ئارىقىدىنلا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم رۇلى بار. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ رۇسىيەگە ھەربىي جەھەتتىن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرماسلىقىنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەربىي جەھەتتىن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇلغاندا ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىشى ۋە تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى.
غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە ھەربىي جەھەتتىن جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا قاتتىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈش يولىنى تاللىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئورگانلىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد، سودا، مالىيە ۋە ئەڭ مۇھىمى ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنى ئېغىر تەھدىتكە دۇچار قىلدى. رۇسىيە يېقىنقى ئايلاردا نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئاجايىپ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇشى رۇسىيەنىڭ بولىشىغا جىنىغا تەگكەنلىكى ئېنىق. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن رۇسىيەنىڭ مىنسىك كېلىشىمىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، مىنسىك كېلىشىمىنى رۇسىيەنىڭ غەلىبىسى دەپ ئەمەس، بەلكى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار تۈپەيلى قىيىن ئەھۋالدا قىلىپ كېلىشمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى دەپ باھالاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كېلىشىم قانداقتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە باش ئەگكەنلىكى ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ مەجبۇر ھالغا قېلىشى دەپ باھالىنىشى مۇمكىن.
ھەر قانداق كېلىشىمگە ئوخشاش مىنسىك كېلىشىمىمۇ مەسىلىنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىسى ئەمەس. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە يەنە كۈتۈلمىگەن پەۋقۇلئاددە يېڭى ۋەزىيەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ كېلىشمدە زادى كىمنىڭ غالىپ كەلگەنلىكىنى ئەنە شۇ كېيىنكى ۋەزىيەت بەلگىلەيدۇ. ئەگەر كېلىشىم رۇسىيەنىڭ غالىبىسى بولىدىغان بولسا، ئۇكرائىنا بىلەن غەرب ئەللىرى كەلگۈسىدە يامان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەگەر رۇسىيە ئېمبارگولار تۈپەيلى كېلىشىمگە مەجبۇرلانغان بولسا، رۇسىيەنىمۇ كەلگۈسىدە يامان كۈنلەر كۈتۈۋاتىدۇ دېگەن گەپ. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە يالغۇز ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىلا ئەمەس، سۈرىيە مەسىلىسىدىمۇ يېڭى كېلىشىملەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئېنىق.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر