قەھرىمان ئوكتاي

بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئوكتاي ئىسىملىك سىلەرگە ئوخشاش ناھايىتى يېقىملىق، تاتلىققىنە بىر بالا بار ئىكەن. ئوكتاي تەڭتۇشلىرىغا قارىغاندا بويى ئېگىز ۋە سېمىز ئىكەن. ئۇ ئۆزىنى ھېچقاچان ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم ئىكەن.

198147
قەھرىمان ئوكتاي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئوكتاي ئىسىملىك سىلەرگە ئوخشاش ناھايىتى يېقىملىق، تاتلىققىنە بىر بالا بار ئىكەن. ئوكتاي تەڭتۇشلىرىغا قارىغاندا بويى ئېگىز ۋە سېمىز ئىكەن. ئۇ ئۆزىنى ھېچقاچان ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم ئىكەن.
- مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق؟ دوستلىرىم مەندىن تېز يۈگرەلەيدۇ، مەن بولسام تېز يۈگرەلمەيمەن. چۈنكى كۆپ تەرلەيمەن. پېداللىق ھارۋىلارغا پاتمايمەن. پۇتۇم چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن چىرايلىق ئايىغىم يوق. ئادەتتىكى كىيىم – كېچەكلىرىمنىمۇ بۇيرۇتۇپ تىككۈزىمەن، - دەپ ئۆزىدىن ئاغرىنىدىكەن.
بىراق، دوستلىرى ئوكتاينى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى تولىمۇ ياقتۇرىدىكەن، ئەمما ئوكتاي ئويۇن ئويناش جەريانىدا جەزمەن بىر دوستىنىڭ جېنىنى ئاغرىتىدىكەن. چۈنكى ئۇ دوستلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلىرىمۇ كالامپاي ئىكەن. ئۇ ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەندە قولى ياكى پۇتى بىر دوستىغا تېگىپ كېتىدىكەن ۋە خالىماستىن ئۇلارغا زەخمەت بېرىپ قويىدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئوكتاي دوستلىرىدىن يىراقلىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەممە دوستىغا زىيان سالدىم، دەپ ئويلايدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بالىلار باغچىدا مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئويناۋاتقاندا، ئىچىدىكى بالىلاردىن بىرسى تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بالىلار ناھايىتى قورقۇپ كېتىپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن بالىنى يۆلەپتۇ. ئەمما، ئۇ بالا:
- ۋاي پۇتۇم، پۇتۇم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئەتراپتا چوڭلاردىن ھېچكىم يوق ئىكەن. بالىلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا:
- بىزگە ياردەم قىلىڭلار، - دەپ توۋلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا باغچىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئوكتاي بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ ۋە يۈگۈرگىنىچە باغچىغا قاراپ كەپتۇ. ئۇ يەردە ياتقان دوستىنى قۇچاقلىغىنىچە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ. كېيىن نېمە بوپتۇ دېمەمسىلەر؟ يىقىلىپ چۈشكەن بالىنىڭ پۇتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. دوستلىرى ئوكتاينى «قەھرىمان» ئېلان قىپتۇ. ئوكتاينىڭ كۆڭلى شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا يېرىم بولماپتۇ. ئۇ ۋە دوستلىرى مەڭگۈ خۇشال – خۇرام ياشاپتۇ. ئاسماندىن ئۈچ ئالما چۈشۈپتۇ. بىر دانىسى ئافجاننىڭ بېشىغا، ئىككىنجىسى بۇ چۆچەكنى ئېيتىپ بەرگەن ئايدا ئاچىنىڭ بېشىغا، يەنە بىرى بۇخاراغا كېتىش ئالدىدا تۇرغان سىز سۆيۈملۈك ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بېشىغا چۈشۈپتۇ. ھېكايىمىزمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر