تۈرك كۈلتۈرىدە مېھمان كۈتۈش

پۈتۈن تارىخ بويىچە تۈركلەر ھەردائىم مېھمانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مېھماندوستلۇقى، مېھمانلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىززەت - ئىكرامدا بولۇشى ئۇلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

167443
تۈرك كۈلتۈرىدە مېھمان كۈتۈش

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 52
تۈرك كۈلتۈرىدە مېھمان كۈتۈش

پۈتۈن تارىخ بويىچە تۈركلەر ھەردائىم مېھمانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مېھماندوستلۇقى، مېھمانلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىززەت - ئىكرامدا بولۇشى ئۇلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مېھمانغا ھۆرمەت قىلىش تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. تۈركلەر مېھمانلارنى ئاللاھنىڭ ئاماننىتى دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمانغا ئىززەت – ئىكرامدا بولۇشى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىشى ئىنسانلارنى مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ياخشى كۈتۈۋېلىش تەرەپكە يۈزلەندۈردى. مېھمانلار ھەققىدىكى ھەدىسلەر مېھمان بىلەن ساھىبخان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتنى كۈچەيتتى. «مېھماننى ياخشى كۈتمىگەن كىشىدە خەير يوقتۇر»، «ئاللاھ مۆمىنلەر ئارىسىدا قېرىندىشىنى زىيارەت قىلغان كىشىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ»، «سىلەرگە بىرەر زىيارەتچى كېلىپ قالسا، ئۇنى مېھمان قىلىڭلار» دېگەندەك ھەدىس – شەرىپلەر، مېھماننىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەھمىيىتىنى ۋە مېھمان كۈتۈۋالغان كىشىنى بىلەن باشقىلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان كىشىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. 

**** *** *** *** *** **** **** *****
مېھمان دوستلۇقنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۈستۈنلۈكى بىر رىۋايەتتە مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ:
ئاللاھ تائالا بىر ئۆيگە بىر مېھماننى ئەۋەتىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن بىر مالائىكىنى ئاق قوش شەكلىدە ئۇ ئۆيگە يوللايدۇ. مالائىكە ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكە قونۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بېرىدۇ. بىر كۈنى بۇنى كۆرگەن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مالائىكىدىن «سېنىڭ بۇ ئۆي ئېگىسى بىلەن نېمە ئېشىڭ بار؟» دەپ سورايدۇ. مالائىكە «مېنى بۇ يەرگە ئاللاھ تائالا ئەۋەتتى. ئۆي ئىگىسىگە سالام ئېيىتىپ، "سېنىڭ ئۆيۈڭگە مېھمان كېلىدۇ" دېيىىشمنى بۇيرىدى. بۇ ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئىكرام قىلىنغان 40 كۈنلۈك بەرىكەتتۇر» دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قۇش شەكلىدىكى مالائىكىنى ئۆينىڭ ئېچىگە ئېلىپ كىرىگەندىن كېيىن قوشنىڭ ئاغزىدا بىر قەغەز پارچسى كۆرىدۇ. جىبرىئىل ئەلھىسسالام "بۇ نېمە؟" دەپ سورايدۇ. مالائىكە "بۇ قەغەز ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئائىلە ئەھلى ئۈچۈن يازغان جەھەننەم ئوتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ ھۆججىتىدۇر" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
شۇڭلاشقا تۈركىي خەلقلەر «مېھمان دېگەن ئاللاھ يوللىغان ئامانەتتۇر. مېھماننى ياخشى كۈتۈش چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىدۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچىلىغان كۈنلەرگىچە مېھمان ساقلىغانلىقى، مېھمان ئۆيگە كەلمەي تۈرۈپ تاماق يېمىگەنلىكى ئانادولۇدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم رىۋايەتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ئۇنى ئاچ قويماسلىق ۋە خاتىرجەم ئارام ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بولۇپ، بۇنڭڭدىن باشقا يەنە، مېھماننى ئەڭ چىرايلىق كېيىملىرىنى كېيىپ قارشى ئېلىش ئەنئەنىسىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەر قانداق بىر ھەيئەت كۆرۈشكىلى كەلگەندە ئۇلارنى چوقۇم ئەڭ چىرايلىق كېيىمىنى كېيىپ چىقىپ قارشى ئالاتتى.
*** ** ***** ** ***** **** ****
تۈركلەر ئۆيلىرىگە كەلگەن مېھمانلاردىن سىرت، ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بولگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆتەر يوللىرىغا "كارۋان ساراي" دەپ ئاتىلىدىغان ھەمدە يولۇچىلار مەلۇم مۇددەتكىچە ھەقسىز تۇرالايدىغان، ھەقسىز تاماق يېيەلەيدىغان تۇرالغۇلارنى ياسىغان ئىدى. كارۋان سارايلار تۈنجى قېتىم 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا يېقىن سەلجۇقىيلار خانلىقى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. مەزكۇر كارۋان سارايلاردا يۇلۇچىلار قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، ئىسسىنىپ، ئۇخلاپ ئارام ئالاتتى. ھەتتا ئۇلاغلىرى ئۈچۈنمۇ ئايرىم ئېغىللار ياسالغان ئىدى. ئۇلاغلارمۇ بېقىلىپ يەم - خەشەك بېرىلەتتى. كارۋان سارايلاردا نۇرغۇن خىزمەتلەر ھەقسىز ئىدى. كارۋان سارايغا چۇشىدىغانلارنىڭ دىنىي، مىللىتى، تىلى سۈرۈشتە قىلىنمايتتى. ھەر قانداق يولىچى چۈشۈپ ھەقسىز پايدىلىنالايتتى.
ئانادولۇ خەلقى مېھانلارنىڭ كېلىشىدە ئۆي ئىگىسى ئۈچۈن بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار، مېھمانلار ئۆزىنىڭ رىسقى بىلەن كېلىدۇ، دەيدىغان ئېتىقاد بار. شۇڭا تۈركلەر ئۆيگە كەلگەن مېھماننى تەڭرىنىڭ مېھمىنى دەڭ بىلىدۇ. ئەگەر مېھمان كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇن خەۋەر قىلسا، ساھىبخان ئۆز ئىمكانىيىتىگە يارىشا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىدۇ. يېزىلاردىكى "يېزا ئۆيلىرى"نىمۇ مېھمانغا بولغان ئىززەت - ئىكرامنىڭ بىر نامەيدىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرمۇ يېزىلاردا بۇ "يېزا ئۆيلىرى" كۈلتۈرى داۋاملاشماقتا.
ئانادولۇدا مېھمانلار ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئەقىدىلەرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن ئانادولۇ خەلقى ئۆيگە كەلگەن مېھماندىن «قورسىقىڭىز ئاچمۇ؟» دەپ ھەرگىز سورىمايدۇ. بۇنداق سوئال سوراش ئىنتايىن ئەيىىبلىك بىر ئىش ۋە ئەدەپسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھماننىڭ ئاچ ياكى توقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ مېھمانغا بىر ئىستاكان سۇ بىلەن تۈرك قەھۋەسى سۇنىدۇ. ئەگەر مېھمان سۇنى قەھۋەدىن بۇرۇن ئىچسە، ئاچ قورساق ئىكەنلىكىنىڭ ۋە ئەگەر قەھۋەنى سۇدىن بۇرۇن ئىچسە قورسىقىنىڭ توقلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قارىلىدۇ. قەھۋە بىلەن سۇنى بىرلىكتە سۇنۇشنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار. بۇنىڭدا «مېھمان ئالدى بىلەن سۇنى ئېچىپ ئېغىزىدىكى باشقا تەملەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تۈرك قەھۋەسىنىڭ خۇشپۇراق تەمىنىڭ كەيپىنى ياخشى سۈرسۈن ۋە قەھۋەنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، قەھۋە ئۇۋاقلىرىنىڭ ئېغىزدا قالدۇرغان قاڭسىق تەمىنى يەنە سۇ ئېچىش ئارقىلىق ئازايتسۇن» دېگەن مەقسەت كۆزدە تۇتىلىدۇ.
ئۆي ئىگىسى مېھمانغا تېزراق تاماق سۇنۇشقا ئالدىرايدۇ. مېھماننى تاماقتا كۆپ ساقلاتمايدۇ. ئانادولۇ خەلقىنىڭ مېھمان كۈتۈۋېلىشتىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئادەتلىرىنىڭ بىرسى، مېھمانغا سۇنغان تاماقنى يېيىشى ئۈچۈن قايتا قايتا تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئالسا - باقسانى كۆپ دېيىشدىن ئىبارەتتۇر. ھەتتا مېھمان تويغانلىقىنى ۋە بىر لوقما ئۆتكۈدەكمۇ يەر قالمىغانلىقىنى ئېيتقان تەقدىردىمۇ ئۆي ئىگىسى تاماققا زۇرلاشتا چىڭ تۇرىدۇ.
ئانادولۇ خەلقى ھەر دائىم مېھمانغا ئوچۇق چىراي، خۇش پىئىل ۋە سىلىق سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مېھماننىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى ئېغىر گۇناھ دەپ قارايدۇ. شۇڭا مېھمان بار يەردە ئۆزىنىڭ كېچىك بالىلارغىمۇ خاپا بولىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋاقىراپ سالمايدۇ.
*** *** *** **** ****** ****** *****
مېھماننى كۈتۈشكە ئوخشاش ئۇزۇتۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. «خاپا بولماي كېتەرسىز، يەنە كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ.
قەدىمقىي دەۋرلەردە مېھمان ئېشىك ئالدىدا ئايىغىنى چىقىرىپ ئۆيگە كىرگەندە ئۆي ئىگىسى مېھماننىڭ ئايىغىنىڭ ئۇچىنى ئۆي تەرەپكە ئۇدۇللاپ تېزىپ قويىدىغان قائىدە بار ئىدى. بۇنداق قىلىش، «مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈق، ئۆيىمىزگە يەنە كېلىشىڭىزنى شەرەپ ھېس قىلىمىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مېھماننىڭ ئايىغىنىڭ ئۇچى سىرتقا قارىتىپ تېزىپ قويۇلسا، «كەت! ئىككىنچى كەلگۈچى بولما» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مېھماننىڭ ئايىغىنىڭ ئۇچى ئۆي تەرەپكە ئۇدۇللاپ قويۇلغاندا، ئاياقنى كەيگىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ كېيىپ، ئۆي ئېگىسى بىلەن قايتا يۈزمۇ - يۈز خوشلىشىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
قىسقىسى باشقىلارغا مېھان بولۇشنى، باشقىلارنى مېھان قىلىشنى ۋە مېھمانلارغا ئىززەت – ئىكرام بىلدۈرۈشنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. قانداقلا يەردە ياشىساق، يېقىنلىرىمىز، ئەل – يار، بۇرادەرلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمزگە ئەگىشىپ، ھاياتىمىزمۇ مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلايدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر