تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنېرگىيە سىياسىتى

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

161686
تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنېرگىيە سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 102
«تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنېرگىيە سىياسىتى»

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا 5– ۋە 6 – دېكابىردا تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەممىلا جەھەتتىن ئىنتايىن تەپسىلى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە ساماراسنىڭ ھەمراھلىقىدىكى نۇرغۇن ساندا مىنىستىرلار، بىيۇكراتلار، سودا – سانائەتچىلەر ۋە سىياسەتچىلەر تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى. كۈنتەرتىپنىڭ نۇقتىلىق ماددىسى تۈركىيە - گىرېتسىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنى بولۇش بىلەن بىرگە كېڭەش دائىرىسىدە يەنە ئونلىغان تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
ئافىنادىكى مۇزاكىرلەرنى 3 گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچىسى، ئىقتىساد، سودا، قاتناش، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار، ئىككىنچىسى تاشقى سىياسەت، خەۋپسىزلىك ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلار، ئۈچىنچىسى، ئەمەلىي بىر ساھە بولۇش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى كۈنتەرتىپتە باش رول ئوينىغان ئېنېرگىيە تېمىسى بولۇپ، تېخىمۇ ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، «بۇ زىيارەتنىڭ ئەسلى سەۋەبى ۋە ئاساسلىق كۈتەرتىپ ماددىسى ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئىدى، قالغان تېمىلار بولسا، بۇنىڭ تولۇقلىمىسى بولدى» دېيىشكە بولىدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باشقا تېمىلارنى ئەھمىيەتسىز ياكى ئىككىنچى پىلاندىكى تېمىلار دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى بىر پۈتۈن بولۇپ، ھەر بىر تېما يەنە بىرىگە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلە ئىككىنچى تېمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى تەرەپلەرنىڭ بولۇپمۇ تاشقى سىياسەتتە ئىجابىي مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى زۆرۈل ھالغا كەلتۈرىدۇ. تېمىلار ئارسىدىكى بۇ گىرەلىشىپ كەتكەن باغلىنىش دۆلەتلەر ئوتۇرىسىدىكى مۇناسىەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** ** *** **** ** **** ** ***** *****
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىشىنىڭ ھازىرقى چاغقا توغرا كەلتۈرۈلىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار. بىرىنچىدىن يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ شىمالىي ئىراق كۇرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت كېلىشىمى تۈزىشى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بايدىنمۇ قاتناشقان ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتساد تېمىلىق يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىشى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئەنقەرەدە ئىستراتېگىيەلىك زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە تۈزگەن كېلىشىملىرى... قاتارلىق بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى خەلقئارانىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسەتتىكى مۇھىم ئورنىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
دەرۋەقە تۈركىيە تەبىئىي گاز ۋە نېفىت مەنبەسى جەھەتتىن يوقسۇل ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ئېستىمال قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى رايوننىڭ دەل دۇقمۇشىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئەمدىلىكتە تۈركىيە ئۆزىنىڭ گىئوپولىتىكىلىق مۇھىم ئورنىنى ھەم ئىشلەپ چىقارغۇچى، ھەم ئېستىمال قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە سۇنۇشقا تىرىشماقتا. دېمەك خەلقئارانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشماقچى بولۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئەلۋەتتە ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ، تېگىشىلىك مەنپەئەت مىقدارىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. تۈركىيەنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىنى ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئاكتىيورلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ۋە تاشقى سىياسىتىدە، تىنچلىقنى، مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىك ئامىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جەھەتتە قىبرىس ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسلەرنى تەخىرسىز ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
داۋۇتئوغلىنىڭ ئافىنا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى، بەلكى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبى دەل مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇچرىشىشتا تەرەپلەرنىڭ ئىما قىلغانلىرى شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىگە قارىتىلدى. بۇنىڭدىن «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە دۇنياغا يەتكۈزۈلىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغان بولدى» دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولدۇ.
ئېنېرگىيەدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپى رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئارقىلىق ياروپاغا ئېكىسپورت قىلىنىش لايىھەسى ئىدى. پۇتىن ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان، «جەنۇبىي ئېقىم» لىنىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىش قارارى، تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى جىددىي تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بەرپا بولىدىغان رۇسىيە، تۈركىيە، گىرېتسىيە ئۇچ دۆلەت ئېنېرگىيە لىنىيەسى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالىشى مۇمكىن. ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ نەتىجە، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئۆز ئالدىغىلا ئەمەس، بەلكى ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈمىدىنى مەيدانغا كەلتۈردى. دېمىسىمۇ ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئېيتقانغا ئوخشاش بۇ دېڭىز دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان تىنچلىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈش تامامەن مۇمكىن. بۇ ھەتتا ئەگە ۋە ئاق دېڭىزنى، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىسلام ۋە خىرىستىيان دۇنياسىنى بىر – بىرىگە باغلايدىغان تىنچلىق ھالقىسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي بىر تاشقى سىياسەت تۇتىشى ۋە ھەر ئىككى مەسىلىدە كۈچلۈك بىر ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىشى لازىم. بۇلاردىن بىرىنچىسى، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ساغلام ۋە تەل - تۆكۈس ھەل قىلىنىشى، ئىككىنچىسى تۈركىيەنىڭ ياروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى شەرتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ توسالغۇلارنىڭ گىرېتسىيە ۋە قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرلەپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئافىنادىكى ئۇچرىشىشلاردىن چىققان خۇلاسە بۇ ئىككى مەسىلىدە ئىجابىي بىر مۇھىت ھازىرلىدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ساماراشنىڭ «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى گىرېتسىيە ئۈچۈن پايدىلىق ۋە قوللىنىشى لازىم» دېگەن باياناتلىرى، ئەھمەت داۋتۇئوغلۇنىڭ «كۈچلۈك بىر گىرېتسىيە، تۈركىيەنىڭمۇ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى دېپلوماتىيەدىكى ئاكتىپ بايانات سۈپىتىدىلا قىلىپ قالماسلىقى لازىم. تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئۆتكەن بىر ئەسىردىكى تۇقۇنۇش شۇنداقلا ۋەيران قىلغۇچ سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئىجابىي سىياسەتلەرگە مەركەزلىشىشى لازىم.
ئافىنادا پەيدا بولغان ئىجابىي بىر ھاۋانىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۈز يىللىق مەسىلىلەرنى بىر يولىلا ھەل قىلىۋېتىشىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئېنېرگىيەگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ۋاستىلار بۇ جەھەتتە ياخشى پۇرسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ غەلىبىلىك بولۇش بولماسلىقىنى ساقلاپ كۆرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر