ئىسلامنىڭ مەككە دەۋرى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكتىن مەدىنەگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى ئىسلام تارىخىنىڭ مۇھىم بىر پەللىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

141324
ئىسلامنىڭ مەككە دەۋرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئسلام دەۋىتىنىڭ مەككە دەۋرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. مەككىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكتىن، ئۇ مەدىنىگە كۆچۈپ كەتكەن. ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى ئىسلام تارىخىنىڭ مۇھىم بىر پەللىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە ئاخىرەت قاتارلىق ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئاساسى ئورۇندا تەبلىغ قىلىنىش بىلەن بىللە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدىغان بەزى ماۋزۇلار ھەققىدە قىسقا ئىشارەتلەر بايان قىلىنغان. ھىجرەتتىن كېيىن، ئاستا - ئاستا شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ھاياتنى تەرتىپكە سالىدىغان ئايەتلەر نازىل بولۇشقا باشلىغان، ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر تەپسىلىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قائىدە - قانۇنىيەتلەر بەلگىلەنگەن.
ھىجرەتنىڭ ئسىلام دەۋىتىنىڭ ئېقىشى ۋە دىننىڭ يېيىلىشىدا تەسىرى زور بولغان. مەدىنە دەۋرىدە ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئالدىدىكى توساقلار ئاستا - ئاستا يوقىلىشقا باشىلغان. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىم ئازىيىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئەركىن ئىرادىلىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلالايدىغان شارائىتقا ئېرىشكەن.
ھىجرەتتىن كېيىن كۈنسايىن روناق تاپقان ئىسلامىي مۇھىت، ئىسلامغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا زېمىن ھازىرلىغان. شۇنداقلا قەبىلىلەر ۋە ئايماقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن مۇسۇلمان بولۇش پائالىيەتلىرى، ئىسلام دىنىنى تېز سۈرئەتتە يېيىلىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى. ھەمدە ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ئىمكانىيەتلىرى تېخىمۇ كېڭەيدى.
ئالدىنقى قېتىمكى پىروگراممىمزدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، مەدىنە سىرتىدىكى ئىنسانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى مەجبۇرىيەت دەپ كۆرسىتىلدى. شۇنداقلا ھىجرەت، ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قوبۇل قىلىنغان. قۇرئان بۇ ئەمىرگە بويسۇنمىغانلارنى شىددەت بىلەن تەنقىد قىلغان. ھەمدە ئۇلارنى ئاقىۋەتلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. ئىمان ئېيتقان كىشىلەر، ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەردىن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە بۇيرۇلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ۋە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن يېنىغا كەلگەن كىشلەرگە ھىجرەت قىلىشنى شەرت قىلغان. قويۇق شەكىلدە مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىشقا تەشۋىق قىلىدىغان ئايەتلەر، مۇسۇلمانلارنى بىر مەركەزدە جۇغلاش ئارقىلىق دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچلۈك مۇداپىئە قۇرۇلمىسى پەيدا قىلىشقا يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى تۆت ئەتراپى دۈشمەنلەر بىلەن قورشالغان ئاز ساندىكى مۇسۇلمان نوپۇسنىڭ كۈچ بىرلىكى شەكىللەندۈرمىگەن تەقدىردە مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقان، ئۇلار ياشاۋاتقان رايونلاردا مۇسۇلمانلارغا قارشى بېسىم ئاخىرلاشقان ۋە دىنىي تەبلىغنى ئەركىن - ئازادە ئېلىپ بارالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ھىجرەتنىڭ دىنى مەجبۇرىيەت بولۇشتەك ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
مەدىنە دەۋرى ئەينى ۋاقىتتا ئىسلامنىڭ كوللېكتىپلىشىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تېخى مەككىگە بارماي تۇرۇپ ھىجرەت سەپىرى ئۈستىدە يولۇقۇپ ئۆتكەن قۇبا كەنتىدە بىر مەسچىد بىنا قىلغان. ھەمدە ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىماملىقىدا ئىسلام تارىخدىكى بىرىنچى جۈمە نامىزى قۇبادا ئوقۇلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە بارا - بارماي ئېلىپ بارغان ئىشلىرىدىن بىرى بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان، تەبلىغ ۋە تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان، شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەسچىد سېلىش بولغان. بۇ تارىختىن ئېتىبارەن مەسچىد شەھەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مەركىزىي رول ئويناشقا باشلىغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئىجرا قىلغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرى، مەدىنەگە مۇسۇلمان بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق لايىھەسى يولغا قويدى. چۈنكى مەدىنەدە دەرھال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، مەككىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۇرالغا جاي ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى شەھەر مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسدا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى بېكىتىپ چىقتى. بۇ ئەھۋال مەككىلىك مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى غېرىپلىق تۇمانلىرىنى تارمار قىلىپ، ئارىلىرىدا مەدىنىلىك قېرىنداشلىرى بىلەن يېقىنچىلىق ھېسسىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان. ھەتتا بۇلارنى مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بىر - بىرىگە مىراسخور قىلىپ بېكىتكەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن مەدىنەلىك مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى پەيدا قىلىشتىن باشقا، مەدىنەدە ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قەبىلە مەركەزلىك قېرىنداشلىقنىڭ ئورنىغا دىن قېرىنداشلىقىنى بەرپا قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمۈشتىن بېرى ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىپ كېلىۋاتقان قەبىلىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلى ئېتىقاد بىرلىكىگە تايانغان جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكلەرنى، ئىجتىمائىي ئادالەتىسىزلىكلەرنى ۋە تۇغۇلۇشتىن كەلگەن «ئۈستۈنلۈك» ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتكەن. شەخسلەرنى پارچىلايدىغان ئادەتلەرنى يىقىپ، ئورنىغا ئىناق - ئىتتىپاق ياشايدىغان، بىر - بىرى بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ۋە بارلىق غايىسى سۆيگۈ- مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەت بەرپا قىلغان. بۇ باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولسا، مەدىنەدە ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا دىنىي ئەركىنلىك تونۇغان. ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادلىرى بويىچە ياشىشىنى قانۇنىي كاپالەت ئاستىغا ئالغان. يەنە مەدىنە دەۋرىدە شەخسىي، كوللېكتىپ ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى پىرىنسىپلار بەلگىلەنگەن. شەخسىي ۋە ئاممىۋى ھوقۇق - مەجبۇرىيەتلەر قانۇنلاشتۇرۇلغان.
مەدىنە دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر يېڭىلىق بولسا، غەيرى مۇسلىملار بىلەن بولغان جەڭلەر ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار - ئىسلام تۇپراقلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق پايدىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى دىننىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى توسقان كىشىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا تاللانغان ئەڭ ئاخىرقى چارە. غايە ۋە ماھىيەت جەھەتتىن باشقا ئۇرۇش تەرىپلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمىغانلىقتىن، ئەرەب تىلىدا قوراللىق ئۇرۇشلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئۇقۇملارنىڭ ئورنىغا جىھاد ئۇقۇمىنى ئىشلەتكەن. تېخىمۇ مۇھىمراقى قۇرئان بۇ ئۇرۇشلارنى، باشقا ئۇرۇشلانىڭ ئىستىلاھ، مۇستەملىكە، تاجاۋۇزچىلىق، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ۋە زومىگەرلىك قاتارلىق سەلبىي سۈپەتلىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن «ئاللاھ يولىدا» دېگەن سۈپەت بىلەن بىللە ئىشلەتكەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن مەككىدە شەخسىي تۇرمۇشتىن، كوللېكتىپ تۇرمۇشقا، يەرلىك مۇناسىۋەتلەردىن خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە نېگىزلىك نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر