2014 – يىللىق گ 20 رەھبەرلەر يىغىنى ۋە تۈركىيە

209615
2014 –  يىللىق گ 20  رەھبەرلەر يىغىنى ۋە تۈركىيە

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 99
«2014 – يىللىق گ 20 رەھبەرلەر يىغىنى ۋە تۈركىيە»

2014 – يىلى 15 – ۋە 16 – نويابىر كۈنلىرى ئاۋسترالىيەدە گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلدى. گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 20 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، قۇرۇلۇش سەۋەبى 2008 – يىلى باشلانغان مالىيە ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسكە چاراە تېپىش مەقسىتىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىستىن قۇتۇلىشىنى ۋە ئاخىرىدا مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلىشىنىڭ يوللىرىنى تېپىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىشان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر چاقىرىلغان يىغىنلارنى ھېچ بولمىغاندا مالىيە كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشقا ياردىمى بولدى، دېگىلى بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىدە تۇلۇق ھەل قىلىش چارىسى تاپالىدى دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا گ 20 گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ زورىيىشى ۋە باج مەسلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتى. بىراق گ 20 يىغىنى ھېچ قاچان مالىيە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. يىللىق يىغىنلاردا كۈنتەرتىپتىكى خەلقئارانىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ مۇنازىرە قىلىنىپ كەلدى. بۇ مۇنازىرىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك ئامېرىكا، رۇسىيە خىتاي، ياۋروپا ۋە ياروپا ئىتتىپاقىي مەركىزىي ئۇرۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئەسلىدە ئىقتىساد، سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە كۈنتەرتىپنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 ۋىتو (رەت قىلىش) كۈچىگە ئىگە ئەزاسى ياكى گ 8 دۆلەتلەر گۇرۇھى بەلگىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىنىڭ باش ئاكتىيورلىرى ھازىرمۇ يەنە شۇ دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ باش ئاكتىيورلار دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە گ 8 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىچىدە ھەل قىلىپ كېتەلىگۈدەك ئەھۋالدا ئەمەس. ئەمدىلىكتە دۇنيا ئىقتىسادىي، سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېقىنقى 10 يىلدا ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان بەزى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە، بىرازىلىيە، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندىستان قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئۆز رايونىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىچىدىمۇ نۇقتىلىق ئورۇنغا ئىگە.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ** *** ****** ** **** *****
تۈركىيەنىڭ گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىچىدە ئورۇن ئېلىشىنىڭ سەۋەبى، دۇنيا بويىچە 16 – ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغانلىقى ۋە رايوندىكى ھەربىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ كېلىۋاتلىقى دېيىشكە بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيە يەر شارى خاراكتېرلىك مالىيە ۋە ئىقتسادىي كىرىزىسنىڭ تەسرىگە ئۇرچىماستىن قۇتۇلۇپ چىقالىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەينى چاغدا ئېيتقىنىغا ئوخشاش يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈركىيەگە سۈركەلمەي ئۆتۈپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مالىيەسىنىڭ مۇقىملىقى، خىزمەت ئىمكانىيەتلىرى، تاشقى سودا ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىشەنچلىك ئوبرازى بۇ كىرىزىس مەزگىلىدە ھېچ قانداق زىيانغا ئۇچرىمىدى. شۇڭا تۈركىيەنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئۆز رايونىدىكى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشىدا ئالاھىدە مۇھىم روللارنى ئوينىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا سايلاندى. ئارقىدىنلا 2011 يىلىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن ئەرەب باھارى مەزگىلىدە ئۈلگۈلۈك ئۆرنەك دۆلەت رولىنى ئوينىدى. ئومۇمىي يۈزلۈك قاراپ چىقىلغاندا، تۈركىيە بۇ مەزگىلدە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ۋە دېموكراتىيەلىشىشتە مۇھىم روللارنى ئويناپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئىنتايىن چوڭ جەزبدارلىقنى قولغا كەلتۈردى.
گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق كۈنتەرتىپىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى سىياسى مەسىلىلەر تېخىمۇ نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى، ئىككىنچىسى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنى سۈرىيە مەسلىسىدە قايىل قىلىشقا تىرىشىشى بولدى. ئەسلىدە تۈركىيەگە يېقىندىن مۇناسۋەتلىك بۇ ھەر ئىككى مەسىلىنىڭ مەركىزىدە رۇسىيە بار بولۇپ، رۇسىيە يالغۇز ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان دۆلەتلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلاۋاتقان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە بۇ ھەر ئىككى مەسىلىدە قىسمەن خىتاينىڭ قوللىشىنىمۇ يېنىغا ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تورمۇزلاپ قويدى ھەمدە ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەگە قاراتقان سىياسەتلىرى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭمۇ نىشانلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى قېيىنلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ ھازىرمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۈمىت بېرىدىغان ئىلگىرىلەشلەرمۇ كۆرۈلدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيەنى تەنقىد قىلىشى ئالدىنقى پىلانغا چىقتى. يىغىن بويىچە رۇسىيەگە تېخىمۇ ئېغىر ئىمبارگولارنىڭ يولغا قويۇلىشى ئۈچۈن تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، پىرېزىدېنت ئوباما ۋە باش مىنىستىر كامېرون بىلەن يىغىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا «ئى ش ئى د» مەسلىسىدىن باشقا يەنە ئەسەدكە قارشىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى تەلەپ قىلىندى. مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە، ئوباما ۋە كامېرون ئەسەد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلماستىن، «ئى ش ئى د»گە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە باياناتلاردا بولدى. بۇ باياناتلار تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ ئوباما تەرىپىدىن قوللاپ - قۇۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىزاھلىنىشقا باشلاندى. يەنى ئوباما ئەسەدكە قارشى بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ ياكى ئەسەدنى بۇلۇڭغا قىستاش ئۈچۈن سۈرىيەدە ئۇچۇشقا چەكلەنگەن بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقماقچى، دەپ ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە بۇ ئىزاھاتلار ئوباما تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ رۇسىيەگە تەسىر كۆرسەتەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشى ۋە ئائىلە سۈرەتكىمۇ بىرلىكتە چۈشمەسلىكى بۇ تەسىرنىڭ نامايەندىسى دەپ قارالماقتا. ئەلۋەتتە گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ رۇسىيەگە ئۇزۇن مەزگىلدە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۈتۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يول تۇتىدۇ؟ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش كېتىشى ۋە ئىمبارگولارنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشتۇرۇلىشى رۇسىيەنىڭ خامچۇتىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ۋە سۇرىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستامدۇ قانداق؟
بۇ سۇئاللار كېلەر قېتىملىق گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا جاۋاپقا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. تۈركىيە 2015 – يىللىق گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋاپقا ئېرىشىشىگە ئۈنۈملۈك رول ئوينۇغۇسى.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر