دىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىنسان ئىجتىمائىيلىققا ئىگە جانلىق تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىجتىمائىي ھاياتتىن ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئىنسان بىلەن مۇھىت ئارىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت بار.

160849
دىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پىروگراممىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈملىرىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىنسان ئىجتىمائىيلىققا ئىگە جانلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىجتىمائىي ھاياتتىن ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دېمىسىمۇ ئىنسان بىلەن، ئىنسان ياشاۋاتقان مۇھىت ئارىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت بار بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بار. بۇلاردىن بىرى ئىنسان دۇنياغا كەلگەن مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك ۋە بەشەرىي قۇرۇلما شەكىللەندۈرگەن ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى تەبىئىي مۇھىتى، يەنە بىرى بولسا، بۇ مۇھىت ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېچىلغان بارلىق كائىنات. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنساننىڭ مۇھىت بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك مەسئۇلىيتى مەۋجۇتتۇر. بۇ ساھەلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەققىدە دىن ئىنسانغا باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىلەر يۈكلەيدۇ.
يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دۇنياسى، مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا دىنىي تەتبىقاتلارنىڭ چوڭ مەسئۇلىيتى بارلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئىنسان تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى شولىسى بولۇپ، ئىنسان تەبىئەتنىڭ پەتىھ قىلغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئەتنى يەنى، كەلگۈسى نەسىللەر ئۈچۈن تەبئەتنى قوغداشتا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشدا ئىنسان، پەقەتلا تەڭرى ئالدىدا ۋە ئۆزىگە قارشى بەزى مەسئۇلىيەتلەرگە ئىگە. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام دىنىدا مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقى تەبىئەتتىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ھەمدە ھەر بىرىنىڭ مەلۇم غايىسى بارلىقى پىكرى بىلەن ئىزاھلىنىدۇ. ئىسلام ئېتىقادىدا، ئىنسان ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئامانەتچىلىرى ۋە خەلىپىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان تەبىئەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ خوجايىنى بولمىغاندەك، دۇنيامۇ ئۇ خالىغانچە ئىستېمال قىلىدىغان مال ئەمەس. بىرلىك، ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەت ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ ئۇقۇملار ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىت ئەخلاقىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
...
ئىسلام دىنىدا مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە پاكىزلىق ئۇقۇمى مەۋجۇت. دەرۋەقە قۇرئاننىڭ بايانى بويىچە قارىغاندا، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى پاكىزلىق دەپ كۆرسىتىلىدۇ. پاكىزلىق ئوخشاش ۋاقىتتا ئاللاھقا قۇللۇقنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ھەدىس مەنبەلىرىدىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ھۆكۈملەر مەۋجۇتتۇر. مۇھىتنىڭ پاسكىنا بولۇشى ھەممىدىن ئاۋال ئىنساننىڭ ئۆزىگە قارشى ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ دائىرە ئىچىدىكى بارلىق سەلبىي ھەرىكەتلەر ئىسلام دىنىدا قەتئىي چەكلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا تەشرىپ قىلغان جاي چۆللەر بىلەن قاپلانغان سەھرا ئىدى. ئۇ، چۆللەر بىلەن قاپلانغان بۇ يەرلەرنى ئىنساننىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە مۇۋاپىق ماكان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ تەبىئەتنى مۇھاپىزەت قىلىش نامىغا ئېلىپ بارغان ئىش-ئىزلىرى، زامانىمىزدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىدىن خېلىلا ئىلغار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۆز ۋاقتىدا مۇھىت ئاسراشنى ئەخلاق ۋە ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ يولدا ئۇنىڭ شەخسەن ئۆزى نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، ئۇ مەدىنىگە كېلىپلا شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىنى «ھەرەم رايونى» دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇيەردىكى ئوتلارنىڭ يۇلىنىشىنى، دەرەخلەرنىڭ كېسىلىشىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى چەكلىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەھەر ئەتراپىنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ بۈگۈن ئىنسانلار ئېھتىياج ھېس قىلىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك شەھەرچىلىكتە ئۈلگىلىك شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭ «بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكىدۇ- دە، بۇنىڭ مېۋىسىدىن ئۇنىڭ ئىگىسى، باشقا ئىنسانلار، ۋەھشى ھايۋان ياكى قۇشلار يېسە، ئۇلار يېگەن بۇ نەرسە كۆچەت تىككۈچى ئۈچۈن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، «ھەرقانداق بىر كىشى، بوش ۋە قۇرۇق يەرنى سۇغۇرۇش، كۆچەت تىكىش ۋە تېرىم-تىكىم ئارقىلىق جانلاندۇرسا، بۇ ئەمەل سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ» ۋە «قولۇڭلاردا بىر كۆچەت بولسا، قىيامەت قوپۇشقا باشلىسىمۇ، ئەگەر ئۇنى تىكىشكە پۇرسىتىڭلار بولسا، ئۇنى قەتئىي تىكىۋېلىڭلار» دېگەندەك سۆزلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە پەيبەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىۋاستە بەش يۈز تۈپ خورما دەرىخى تىككەن.
دىنلارنىڭ مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئىنسان بىلەن ئوخشاش ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان ھايۋاناتلارمۇ مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايۋان ۋە قۇشلارنى قوغداشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن، ھايۋانلارغا كۈچى يېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى يۈك يۈكلەشنى چەكلىگەن. ناھەق ھالدا بىر قۇشقاچنى ئۆلتۈرگەن كىشنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بۇزماسلىققا ۋە تۇخۇملىرىنى ئالماسلىققا بۇيرۇغان.
مانا مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىشنى چەكلىگەن. تەبىئەتلىرىگە ماس ئىشلاردا ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان. ھەددىدىن كۆپ يۈك يۈكلىمەسلىككە ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق قالايمىقان ھايۋان ئۆلتۈرمەسلىككە چاقىرغان. ئەسلىدە ئۇ، بۇ سۆزلىرى بىلەن زامانىمىزدا ئۈستىدە گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتقان ھايۋان ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىققان.
ئىسلام دىنى، ئىنسانلار ئۆتۈدىغان يوللارغا، سايىدايدىغان دەرەخ سايىلىرىغا ۋە سۇلارغا تاھارەت سۇندۇرۇشنى قەتئىي چەكلىگەن. ھەممىگە تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ ئالدىنى پاكىزە تۇتۇشنى بۇيرۇغان. ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزدىغان نەرسىلەرنى يوللاردىن ئېلىۋېتىشكە چاقىرغان. ھەتتا بۇنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىغان. ئىسراپچىلىقتىن ساقلنىشنى بەكمۇ قاتتىق تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە شۇنداق ئاشۇرۇپ تەۋسىيە قىلغانكى، دەريا بويىدا تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ، ئىبادەت ئۈچۈن بولسىمۇ سۇنى ئىسراپ قىلىشىنى چەكلىگەن.
بۈگۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان مۇھىت ۋە ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىكى مۈشكىلاتلارنى ھەل قىلىش، پەقەتلا ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر خىل مۇھىت ئېڭى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ يەردە ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلىرى بىلەن ياشاۋاتقان مۇھىتى ئوتتۇرىسىدا ئايرىلماس مۇناسىۋەت مەۋجۇت. مانا بۇ، ئىسلام دىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىت ئاسراش پىرىنسىپىنىڭ ئاساسى. بۇ پىرىنسىپلار كۆزدە تۇتۇلغاندىلا زامانىمىزدا تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش يولىدا تۈزۈلۇۋاتقان پىلانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇھىت ساقلىقى، ئەسلىدە ئورتاق ھالدا ئىنسانلىق مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. مەنمەنچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇۋالغان مەنپەئەتچى ئاڭ، ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىگە، دەرتلىرىگە چارە تېپىشتىن كۆپ، بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىشنىڭ دەردىدە غەم قىلىۋاتىدۇ. پايدا تېىپىش مەقسىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان زىيانلىق پائالىيەتلەرگە كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتىدۇ.
تېىمىنى خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئسلام دىنى «مۇھىت» ھادىسىسى ۋە مەسىلىسىگە جىددىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىلەر ئوتتۇرىغا قويغان. مۇھىتنى خاراپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىغان چىققان خېيىم-خەتەرلەرنى پەقەت ئىنسانلارنىڭلا ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەت بۈگۈن ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇھىت مەسىلىسىنى دىن ئۆگەتكەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ھەل قىلالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر