ئەمىنە ئەردوغاننىڭ قىسقىچە ھاياتى

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى بىرىنچى خانىم ئەمىنە ئەردوغان بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

113178
ئەمىنە ئەردوغاننىڭ قىسقىچە ھاياتى

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى بىرىنچى خانىم ئەمىنە ئەردوغان بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى تۈركىيەنىڭ سىئىرت شەھىرى بولۇپ، 1955- يىلى 21- فېۋرال كۈنى جەمال ۋە خەيرىيە گۈلباران ئائىلىسىنىڭ بەشىنچى پەرزەنتى سۈپىتىدە ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى، ئىستانبۇل قىزلار كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرى كىتاب ئوقۇش، سۇ ئۈزۈش، ماشىنا ھەيدەش ۋە تۈرك ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت.

1978- يىلى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئەمىنە ئەردوغان، سىياسىي مۇجادىلە ھاياتىدا يولدىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولغاندىن سىرت، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىمۇ ئىزچىل ھالدا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى. ئائىلىسى ئارقىلىق سىڭگەن ياردەمسۆيەرلىك روھىنى پۈتۈن ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرگەن ئەمىنە ئەردوغان، ئىجتىمائىي ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە مىڭلارچە كىشىگە ياردەم قولىنى سۇندى؛ 2005- يىلى «ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەش مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلدى ۋە ئۇنى گوياكى بەشىنچى پەرزەنتى مىسالى قانىتى ئاستىغا ئالدى. ئۇ بالىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشقا، ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئىشقا، ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى كۈرەش قىلدى، بالىلار تەلىم – تەربىيەسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئانا – بالىلارنى تەربىيەلەش ۋەقپىنىڭ ‹7 بەكلا كېيىن› سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە ھەمدەم بولدى. ئەمىنە ئەردوغان ئانا – بالىلارنى تەربىيەلەش ۋەقپىنىڭ مەزكۇر سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن بالىلارنى كىچىك ياشتىلا تەربىيەلەش » تېمىلىق يىغىنلارغا ئىيوردانىيە مەلىكىسى رانىيا بىلەن بىرلىكتە شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ھېلىھەم بىر جاراھىتى بولۇپ كېلىۋاتقان قىزلارنى مەكتەپلەرگە بەرمەسلىك مەسىلىسىگە قارشى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللاندى. «مېڭىڭلار قىزلار مەكتەپكە» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئارقىلىق ئون مىڭلارچە قىزنىڭ ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىنىشى ۋە مەكتەپ ھاياتىنى باشلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئەمىنە ئەردوغان ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى غەيرىتىنى ئۆز تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم، تېخىمۇ كۆپ نۇر ۋە تېخىمۇ كۆپ يورۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدىغان «ئانا – قىز مەكتەپتىمىز» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرماقتا. نامىنىمۇ ئۆزى قويغان مەزكۇر سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئارقىلىق ساۋات چىقىرىش پۇرسىتىگە نائىل بولالمىغان ئانىلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشماقتا.

زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە بۇ يولدا تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئەمىنە ئەردوغان، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.

تۈركىيەدە ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە قىزىقىش قوزغىغان «قېرىنداش ئائىلە پىلانى» دىمۇ ئەمىنە ئەردوغاننىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمگىكى بار.

ئەمىنە ئەردوغان ئاياللارنىڭ خىزمەت ھاياتىدا تېخىمۇ پائال رول ئوينىيالىشى ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن «خىزمەت ھاياتىدا ئاياللار» تېمىسى ئاستىدا خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللىدى. ئۇنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2006- يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىندا يالغۇز تۈركىيەدىكى ئاياللارغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «توپلۇقلارنىڭ قايتىدىن ئىنشا قىلىنىشىدا، ئورتاق قىممەت – قاراشلارنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىدە باش رولنى ئاياللارغا چۈشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئاياللار بار بولغان ھەرقانداق يەردە ئىنسانىي قىممەت – قاراشلارنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ۋە قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشىدا باشلامچى بولۇشى كېرەك.» تۈركىيەدە ئاياللارنىڭ سودا – سانائەت دۇنياسىدىكىگە ئوخشاشلا سىياسەت ساھەسىدىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىشى توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۆزىنىڭ پارتىيەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، خەلق ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىققان ئەمىنە ئەردوغان، غەززەدىكى ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى ئالدىدا سۈكۈت قىلماستىن باياناتلارنى بەردى.

پۇرسەتلا چىقسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا تۈركىيەنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىگە يېتىش ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بىر دۆلەتتە ياشىيالىشى ئۈچۈن ئەڭ توغرا نۇقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئەمىنە ئەردوغان، تۈرك ئاياللىرىنىڭ تارىخنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىمۇ پىداكارلىقتىن قەتئىي ئۆزىنى تارتمىغانلىقىنى، يېڭىلىق روھى ئارقىلىق بۇ مۇساپىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.

‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى بىرىنچى خانىم ئەمىنە ئەردوغان بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر