ئىسلام كەرىموۋنىڭ خىتاي زىيارىتى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋنىڭ خىتايغا قارىتىلغان 13 – قېتىملىق زىيارىتىدە قىممىتى 6 مىليارد دوللارلىق 22 يېڭى كېلىشىم ئىمزالاندى.

111843
ئىسلام كەرىموۋنىڭ خىتاي زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ 19 – ئاۋغۇست خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ زىيارەت كەرىموۋنىڭ خىتايغا قىلغان 13 - قېتىملىق زىيارىتى دەپ يېزىلدى. كەرىموۋنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ھەممىگە بىلىنگىنىدەك، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان ئۆزبېكىستان مۇستەقىل، بىتەرەپ ۋە تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭغا قارشى خىتاي جىمجىت ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشنى نىيەت قىلماقتا.
ئىسلام كەرىموۋ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قېتىم تەرەپلەر ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە 2014 – 2018 – يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى پىلاننى تەستىقلىدى، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى، تەخمىنەن 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 22 يېڭى كېلىشىم ئىمزالاندى، تەرەپلەر بۇنىڭدىن كېيىن دوللارنىڭ ئورنىغا «يۈەن» قوللىنىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا كېلىشتى.
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، زىيارەت مەقسىتىنىڭ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. شى جىنپىڭنىڭ 2013 – يىلىدىكى ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە تەرەپلەر مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەگە چىقارغان بولۇپ، قىممىتى 15 مىليارد دوللارلىق 31 كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.
كەرىموۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغان ئىقتىسادىي لايىھەلەرنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى. بۇ لايىھەلەرنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ رايونغا قارىتىلغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي چەمبىرىكى، خىتاينى مەركەز قىلغان ئاسىيا گاز تۇرۇبا لىنيەسى، خىتاي – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە مەبلەغ بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ھەجىملىك لايىھەلەر بار. ئۆزبېكىستاندا ھازىرنىڭ ئۆزىدە 482 خىتاي – ئۆزبېكىستان شېرىكچىلىكىدىكى شىركەت پائالىيەت قىلماقتا. 2013 – يىلى خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودا ئومۇمىي ھەجىمى 5.2 مىليارد دوللارغا يەتتى.
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى كەرىموۋ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە تارىخىي جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، سەمەرقەند بىلەن شىئەن شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇشى قارار قىلىندى. يېقنقى يىللاردا خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا مەدەنىيەت ساھەسىدە ئاكتىپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. 2011 – يىلى بېيجىڭ بىلەن شىئەندە ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا جاۋابەن 2012 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ۋە سەمەرقەند شەھىرىدە خىتاي مەدەنىيەت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە رايونغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئۆزبېكىستان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسلىرى قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان «خىتاي ئىستىلاسى» قورقۇنچىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بولۇپمۇ تىل ئۆگىنىش ساھەسىدە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىلماقتا. تاشكەنتتە قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتىدا ھەر يىلى 350 ئوقۇغۇچى خىتايچە ئۆگىنىدۇ. بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەر يىلى 70 ئۆزبېكىستانلىق ئوقۇغۇچى لەنجۇ شەھىرىدە ئوقۇيدۇ. 2013 – يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە سەمەرقەند شەھىرىدە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ئېچىلىشى پىلان قىلىندى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013 – 2014 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا 120 سان ئاجراتتى.
خىتاي سىياسىي ساھەدىمۇ ئۆزبېكىستاننى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. كەرىموۋنىڭ تەيۋەن بىلەن تىبەت مەسىلىلىرىدە بېيجىڭنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.
ماناس ھەربىي بازىسىنى بوشاتقان ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھازىرغىچە توغرىلانمىدى. رۇسىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن ئالدىراش. تاشكەنت بولسا، بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئۇستىلىق بىلەن يۈرگۈزمەكتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ساھەدىكى مەنپەئەتىنى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئورنى تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ.
خىتاي ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى چېكى يوق مالىيە قەرزلىرى بىلەن تەمىنلەپ، رايون بازىرىدا ھەقىقىي مەنىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئەرزان باھالىق ماللىرىنى رايوندا سېتىش ئۈچۈن ئەركىن سودا رايونلىرىنى قۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. خىتاينىڭ ھازىرچە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دېگەندەك دەرتلىرى بولمىغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى قىيىنغا توختىمايدۇ.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. خىتاي ئىقتىسادىي پىلان – لايىھەلىرى ئارقىلىق رايونغا سوقۇنۇپ كىرىپ، رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان مۇناسىۋەت ئورناتتى. خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارغانسېرى ھېس قىلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتىن 29 – ئاۋغۇستقىچە ئىچكى موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق بۇرچى 2014» ھەربىي مانېۋىرىغا، خىتاي 5 مىڭ ئەسكىرى بىلەن قاتناشتى. رۇسىيە 900، قىرغىزىستان 500، قازاقىستان 300 ۋە تاجىكىستان 200 ئەسكەر ئەۋەتتى. بۇنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردا ئىقتىسادتىن باشقا ساھەلەردىمۇ كۈچلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر