تۈركىيەنىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى ئورنى

تۈركىيەنىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى ئورنى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار ۋە بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

111329
تۈركىيەنىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى ئورنى

تۈركىيەنىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى ئورنى ھەققىدە قاتتىق تالاش - تارتىشلار بار. بۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىگىچە سوزۇلسىمۇ ئەمما جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھېچ بېسىقمىغان بىر خىل تالاش - تارتىشتۇر. تالاش - تارتىشنىڭ تەرەپلىرى قىسمەن تۈركىيەدىكى سىياسىيونلار بىلەن زىيالىيلار، قىسمەن دۇنيادىكى پىكىر - ئېقىملىرىدۇر. بۇلارنى ۋە بۇ قاراشلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچىسى، مودېرنىستلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، تۈركىيەنىڭ غەربكە ۋە مودېرن دۇنياغا ئائىت ئىكەنلىكى قارىشىدۇر. ئىككىنچىسى، ئىسلامچىلار ياكى مۇھاپىزىكارلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئائىت ئىكەنلىكى قارىشىدۇر. ئۈچىنچىسى، مۆتىدىل زىيالىيلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، تۈركىيەنىڭ غەرب - مودېرن ۋە ئىسلامىي قىممەت ئۆلچەملىرىنى جەلپ قىلىپ، ئۆزىگە خاس نوپۇز تىكلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قارىشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە ئاز سانلىق قاراشلارمۇ بار. تۈركىيەنىڭ ماركىسىزم - لېنىنىزم لاگېرىدىن ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى، ھەتتا ئۆزىنى دۇنيادىن يېتىم قالدۇرۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ باردۇر.
تۆۋەندە، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامازان گۆزەننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
تۈركىيەنىڭ يۆنۈلۈشگە مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىش، يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ روشەن ھالدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركىيەنىڭ 2000 - يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزالىقى مۇزاكىرىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەزالىق كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتاتتى. بۇ باسقۇچتا، تۈركىيە ناھايىتى جىددىي مودېرن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنى قۇردى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىدىن كۈتۈلۈۋاتقىنى، پەقەت ئەزالىقتىنلا ئىبارەت بولماستىن، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە بولۇشتۇر. دېموكراتىيە، ھەقىقىي مەنىدە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، كىشىلىك ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر، كۆپ مەنبەلىك، بازار ئىگىلىكى ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تىنچ ۋە ئىلمىي دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئىگە بولۇشتۇر. بۇلار، ئادەتتە بىرىنچى قاراشتىكىلەردىن سىرت يەنە، مودېرنىستلار ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراشلاردۇر، غەربپەرەسلەر، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى شەرت ۋە بۇنى قەتئىي نىشان دەپ قارايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ يۆنۈلۈشى غەرب تەرەپكە، ئارقىسى شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلىشى كېرەك.
بۇ قاراشلار يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن خاتادۇر. تۈركىيەنىڭ غەرب ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن تاجلاندۇرۇلۇشى تەكلىپى، تۈركىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق، تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەكتە. چۈنكى، تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى، مەدەنىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرى، تارىخىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق شەرت - شارائىتلىرى، تۈركىيەنى خۇسۇسەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ، ئومۇمەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىن ئاكتىپ شەكىلدە ئورۇن ئېلىشىنىڭمۇ قانچىلىك دەرىجىدە زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت سۇنماقتا. بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ 1970 - يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ 2000 - يىللاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلىنمەكتە.
بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن زامانىۋى كۈچكە ئايلىنىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلام دۇنياسىدا بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ھەسسە قوشۇشى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق كۈچكە ئايلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئەسلىدە مۆتىدىلچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 1950 - يىللاردا ئادنان مەندەرەس بىلەن باشلانغان، 1970 - يىللاردا سۇلايمان دەمىرەل بىلەن قىسمەن بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان ئوتتۇرا يول پىرىنسىپى، 1980 - يىللاردا تۇرغۇت ئۆزال بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى، 2000 - يىللاردا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان - ئابدۇللاھ گۈل رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى. تۇرغۇت ئۆزال، ئابدۇللاھ گۈل ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى ھەمدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە يېقىنلىشىش باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. بۇ رەھبەرلەر تۈركىيەنىڭ يۆنۈلۈشىنى پەقەت غەربنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەندە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەسلىدە ئالەمشۇمۇل ۋە ئىسلامىي قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ كۆپلىگەن نۇقتىلاردا بىر - بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ ئاساسى بولغان تىنچلىق تەشنالىقىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق پەلسەپەسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق ئىستىراتېگىيەسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن تىنچلىققا تايىنىشىنى نىشان قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا مۇھىم بىر تارىخىي ھەقىقەت، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركمۇ ناھايىتى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان، «يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندا تىنچلىق» پىرىنسىپىدۇر.
بۇ پىرىنسىپ، تۈركىيەنىڭ ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تىنچلىقنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان 45 دۆلەتتىن بىرى يەنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشىدۇر. تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئەنئەنىگە ئاساسەن مەزكۇر ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، نىشانى ئۆز چېگرالىرىدىن باشلاپ، پۈتكۈل رايونلار ۋە دۇنيادا تىنچلىقنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
يېقىنقى يىللاردا، تۈركىيەنىڭ بۇ نەزەرىيەگە خىلاپتەك كۆرۈنىدىغان ئەرەب باھارىدىن كېيىنكى سۈرىيە، قىسمەن ئىراق سىياسىتىگە ئومۇمىي پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەمەس، قائىدىدىن سىرتقى نەزەرىيە جەھەتتىن قاراش كېرەك. تۈركىيە خەلقى، نۆۋەتتە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىق، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن بىئارام بولماقتا. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى، ئەن نۇسرا ۋە ئەل قائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى قوللىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، PKK قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئورنىغىمۇ ئەنە شۇ كۆزنەكتىن قاراش لازىم. بۇ تەشكىلاتلار، تۈركىيەنىڭ يېتىشكە تىرىشىۋاتقان ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى غايىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر