ياۋرو – ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ بىر– بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ 10 – ئاۋغۇست كەچتە ئەنقەرەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىناسىنىڭ بالكونىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قازانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ نۇتۇق سۆزلىشى دىققەت قوزغىدى.

102139
ياۋرو – ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ بىر– بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ 10 – ئاۋغۇست كەچتە ئەنقەرەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىناسىنىڭ بالكونىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قازانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ نۇتۇق سۆزلىشى دىققەت قوزغىدى. ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ بالكون نۇتقى تۈركىيەدە تىۋىتتېر بېتىنى ئاستۈن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتامبايېۋنىڭ نۇتقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلارمۇ، قىزغىن قارشى ئالغانلارمۇ بولدى. ئاتامبايېۋنىڭ خەلققە تۈركچە خىتاب قىلىشى بەزى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، بەزىلەر بولسا بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلدى.
قىرغىزىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتامبايېۋنىڭ تۈركچە سۆزلىشىنى تەنقىد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئاتامبايېۋنى قەرز ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە باردى دېسە، بەزىلەر قىرغىزىستاندا يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلسە ئاتامبايېۋ قاچىدىغان دۆلەت ئېنىق بولدى، دېگەنلەرمۇ چىقتى. ئاتامبايېۋنىڭ قىرغىزىستان كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەي چەت ئەلدە يۈرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرغانلار، ئۇنىڭ قايتىپ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بالكونىدا ئېيتقان «ياشىسۇن» دېگەن شوئارنى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان ئۈچۈنمۇ توۋلىشىنى ھەمدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇنازىرىلەردە پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋنىڭ نۇتقىنى «تۈرك ئىتتىپاقى» نىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق، دېگۈچىلەرمۇ، بىردۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ باشقا دۆلەتتە قېرىنداش بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق نۇتۇق سۆزلىشى توغرىمۇ؟ دەپ سوئال قويغانلارمۇ بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئاتامبايېۋنىڭ دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيىتى دەپ يۇقىرى باھا بەردى.
ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ بالكون نۇتقىغا ئوخشايدىغان مىساللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ نۇتقىنىڭ مەزمۇنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ كېيىنكى كۈنلەردە ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۈلگە بولىدىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنى بۇ كېلەچەكتە ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىجابىي جەھەتتىن ئۆرنەك ئالىدىغان ۋە سىياسىي ئاتالغۇغا ئايلىنىدىغان ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. رايوندا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرمەسلىكى، رايوننىڭ تەرەققىياتى، رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە مۇستەھكەم رايونلۇق بىرلىكنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈچۈن ياۋرو – ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۇ خىلدىكى قەدەملەرگە ئېھتىياجى بار.
ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرى پىرېزىدېنتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، سەمىمىيلىككە قارىغاندا قىيداش، بىر – بىرىگە قاتتىق تەلەپپۇزدا دارىتمىلاش قاتارلىق مىساللارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇ دۆلەت رەھبەرلىرى تەۋەلىكى بەلگىلەنمىگەن چېگرالار، سۇ، گاز قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن بىر – بىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتالماي كەلمەكتە. ئۇلار ياش جەھەتتىن بىر – بىرى بىلەن تەڭ. تۈركىيە رەھبەرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى رەھبەرلىرىنى ئوخشاش مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيەگە مەنسۇپ كىشىلەر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشىغا يېتەرلىك ئەمەس. بەلكىم بۇ يەردە 1990 – يىلدىن كېيىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مىللەتچىلىكنىڭ تەسىرى بار بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم يەنە، پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قوشنىلار بىلەن غەۋغا قىلىش كېرەك بولۇشى مۇمكىن ۋەياكى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىگەن ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئۈستىدىكى رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغانلىقىمۇ سىر ئەمەس. غەربتىن ئىمپورت قىلىنغان مىللەتچىلىك ۋە پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يەتمەيدۇ. ئۆز ئارىسىدا ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بولغانلىقتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا تايىنىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، قوشنا ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ئاسان ھەل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەتلەر ئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. كېڭەش بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر – بىرى بىلەن پات – پات كۆرۈشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىدە ھەل قىلىشقا، رەھبەرلەر ئارىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ مۇناسىۋەتلەر دۇنياۋى كۈچلەر ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ قەستەن ئارىلىشىشى بولمىغىنىدا ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ. قەستەن ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان رايونلۇق ھەمكارلىققا ئېھتىياج بار. ياۋرو – ئاسىيادا ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇكەممەل رايونلۇق ئىتتىپاقنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىشەنچكە تولغان ئەبەدىي دوستلۇققا تايانغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بولۇشى شەرتتۇر. بۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى يېقىنقى 20 يىللىق تارىختىن ناھايىتى ياخشى بىلەلەيمىز.
ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ بالكون نۇتقىدىن كېيىن، قىرغىزىستان ۋە رايوندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان «كىم، كىمدۇر؟» تور بېتى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تونۇشتۇرۇلغان يازما ئېلان قىلدى. بۇ يازما تۇنجى قېتىم بولۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتامبايېۋنىڭ بالكوندا نۇتۇق سۆزلەش سەۋەبى بىلەن ھالقا تېخىمۇ كېڭەيدى. بۇ ناھايىتى كىچىك مىسال بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كىم بىلىدۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋەسىلە بولۇپ قالامدۇ، تېخى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر