ئالتۇن كېسەك (BRICS) دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي يىغىنى

بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە نامى بۇ دۆلەتلەرنىڭ باش ھەرپلىرىدىن كەلگەن «ئالتۇن كېسەك» (BRICS) دۆلەتلىرىنىڭ 6 – قېتىملىق يىغىنى 14 – ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇلغىچە بىرازىلىيەدە ئېچىلدى.

79474
ئالتۇن كېسەك (BRICS) دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە نامى بۇ دۆلەتلەرنىڭ باش ھەرپلىرىدىن كەلگەن «ئالتۇن كېسەك» (BRICS) دۆلەتلىرىنىڭ 6 – قېتىملىق يىغىنى 14 – ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇلغىچە بىرازىلىيەدە ئېچىلدى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە كۈنىمىزدىكى دۇنيا سىستېمىسىنى ئۆزلىرىگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغان «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئاساسلىق مەسىلىسى، «تەرەققىيات بانكىسى» قۇرۇش بولدى. خۇلاسىلىگەندە، دۇنيا كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان كىرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا غەربكە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارى ئېلىندى، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى 6 – قېتىملىق يىغىندا رەھبەرلەر «ئالتۇن كېسەك» ئىتتىپاقىغا كۈچ قوشىدىغان يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى رەسمىي قۇردى. بۇ بانكا كېلەچەكتە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىغا رەقىپ بولىدۇ، دەپ قارالدى. «ئالتۇن كېسەك» ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات بانكىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە پۇل – مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. «ئالتۇن كېسەك» ئىتتىپاقى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 2015 – يىلدىن باشلاپ خىزمەت باشلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بانكا 100 مىليارد دوللارلىق سەرمايە بىلەن قۇرۇلىدۇ. 100 مىليارد دوللارلىق سەرمايىنىڭ 41 مىلياردلىق قىسمىنى خىتاي، بىرازىلىيە، ھىندىستان ۋە رۇسىيە ھەر بىرى 18 مىليارد دوللاردىن جەمئىي 54 مىلياردلىق قىسمىنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 5 مىليارد دوللارلىق قىسمىنى تەمىنلەيدىغانلىقى پىلان قىلىنماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشىكى ئوچۇق بولغان بانكىنىڭ سەرمايىسىدە، «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ پاي چېكى %55 دىن تۆۋەن بولمايدۇ. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەركىزىنىڭ شاڭخەيدە، باشلىقىنىڭ ھىندىستانلىق، شۆبە ئىشخانا مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا بولۇشى پىلان قىلىندى. بانكا سەرمايسىنىڭ ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاساسىي ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىشى پەرەز قىلىنماقتا. «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش پىكرى، تۇنجى قېتىم 2012 – يىلى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، 2014 – يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 – قېتىملىق يىغىندا تەستىقلانغان.
«ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. قوبۇل قىلىنغان خىتابنامىدە، ئۇكرائىنادا كەڭ دائىرىلىك دىيالوگنىڭ باشلىنىشى، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە تىنچلىقنى ياقىلايدىغان ئامال – چارىلەرنى تېپىش چاقىرىق قىلىندى.
يىغىننىڭ خۇلاسە قىسمىدا، «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا سودا ۋە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى. يېڭى خىزمەت ئىمكانلىرىنىڭ يارىتىلىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولىدىغان شەكىلدە بولۇشى ئۈچۈن ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن خۇلاسىدە، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى ئەسكەرتىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، بىرازىلىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باشقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىننىڭ يېپىلىشىغا قاتناشتى.
6 – قېتىملىق يىغىندا «ئالتۇن كېسەك» ئىتتىپاقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ بەش دۆلەتنىڭ مەۋجۇت دۇنيا سىستېمىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرىنى ئەمىلىيىتىدە كۆرسەتكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇق. دوللارنى قاتاردىن چىقىرىۋېتىشنى ئارزۇ قىلغان بۇ دۆلەتلەر، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى بانكىلار ۋە فوندلاردىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش يولىدا مۇھىم قارار ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات بانكىسىنى قۇردى. دېمىسىمۇ، بۇ دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ پۇلى بىلەن سودا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
يىغىندىن بۇرۇن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشى، رايوندىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات بولغان «جەنۇبىي ئورتاق بازىرى» (Mercosur) نىڭمۇ لايىھە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «ئالتۇن كېسەك» ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا يۈزلىنىشى ۋە بانكا شۆبە مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا بولۇشى، ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ لايىھە ئىچىگە كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
«ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ 2013– يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان «بالى» كېلىشىمىنى قوللىشى بولسا، دۇنياۋى سودا ئېقىمىنى ئۆزگەرتىدىغان بېشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئورتاق مەبلەغ سېلىش پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەشتۈرگەن «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرى، كېيىنكى كۈنلەردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەر جەمئىي 5.2 تىرىلىيون دوللار پۇل زاپىسىغا ئىگە. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ۋە سەرمايە كېلىشىمى بىلەن تۇنجى قەدىمىنى باسقان بەش دۆلەت، دۇنيادا يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇساپىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى.
«ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۆزئارا تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئىچكى خەۋپسىزلىك، ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئالاقە تورىنى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ لايىھەلەرگە، «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىغا ئاساسەن قارىغاندا، ئىتتىپاقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. قىسقىسى، ئامېرىكا باشچىلىق قىلىۋاتقان دۇنيا سىستېمىسىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا سىستېمىسىنى ئارزۇ قىلىدىغان مەزكۇر دۆلەتلەر، سۆز قىلشتىن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتتى. بۇنىڭ دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆرىمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر