دىن ۋە جەمئىيەت - 28

125422
دىن ۋە جەمئىيەت - 28

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زامانىزدا بىكار ۋاقىت ۋە بىكار ۋاقىتلارنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى، ئىنسلارنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە. مۇشۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك ئالىملار ۋاقىت ئۇقۇمىغا تەبىر بېرىش ۋە ئۇنىڭ چەك-چېگراسىنى بەلگىلەپ چىقىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئوخشاش بولمىغان ئېنىقلىما، ئىزاھات ۋە نەزەىرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ئۆتمۈشتىن زامانىمىزغىچە پەقەتلا ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنىڭلا ئەمەس، تەبىئي پەن بىلىملىرىنىڭمۇ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. بىز بۈگۈن ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي تەرىپى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋاقىت ئۇقۇمى دىن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا ۋاقىت ھالقىلىق بىر مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، قۇرئاننىڭ خۇلاسىسى دەپ قاراشقا بولىدىغان ئەسىر سۈرىسى ۋاقىت بىلەن قەسەم دەپ باشلىنىدۇ. ۋاقىتنى قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ كۆزقاراش ئىجتمائىي بىر ھەقىقەتكە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت سېستىمىسى ۋە ئىجتىمائىي پىرىنسىپلارنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. دەرۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنىپ كەتكەن ئىككى نېمەت بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى سالامەتلىك، ئىككىنچىسى ‹بىكار ۋاقىت›» دېيىش ئارقىلىق، ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزۈۋېتىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى پەيدا قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىچىنى ئۆزى تولدۇرۇش، ئۇنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كىشىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلاردىن تەلەپ قىلغان ئىبادەتلەرگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىسلام جەمئىيتىنىڭ ۋاقىتنى مەركەز قىلغان بىر جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىسلام دىنىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەردىمۇ ئىنسانلارنىڭ ۋاقىتنى توغرا پىلانلىشى لازىملىقى ئاشكارا كۆرسىتىلگەن. بەش ۋاقىت ناماز، روزا، ھەج، قۇربان، زاكات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىۋاستە ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋتلىك بولۇپ، بۇلار ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنسان ھاياتى، شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەت سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت ۋە ۋەزىپىلەردۇر. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىبادەتلەردە ۋاقىت ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىش ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر تەرىپمۇ مەۋجۇت.
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمى ھەققىدە توختالغاندا، بوش ۋاقىت دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئۇچرىتىمىز. ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ بىلىپ تۇرۇپ ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋېتىشنىڭ يېنىدا بەزى بىكار ۋاقىتلىرىنى جىسمانى ئېھتىياجلىرى ۋە ئىش ھاياتىنىڭ سىرتىدا قالغان پايدىلىق ئىشلاردا ئىشلىتىشنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداق بولۇش بىلەن بىللە دەۋرىمىزدە بىكار ۋاقىتلار كۆپ ھاللاردا كىتاب ئوقۇش، بازالاردا ئايلىنىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە باشقا سەنئەت تۈرلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن باشقا توپلىشىپ پاراڭ سېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئىنسانلار ئادەتتە بىكار ۋاقىت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىكار ۋاقىت پائالىيەتلىرى نۇرغۇنلىغان روللارنى ئوچۇق ياكى مەخپىي ھالدا ئىجرا قىلىدۇ.
ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادا خىزمەت ۋاقىتلىرىنىڭ قىسقىرىشى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىمكانىيەتلەرنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن بىكار ۋاقىت ۋە بىكار ۋاقىت تۈرلىرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ بىكار ۋاقىت ئېلىپ كەلمەكتە. پىلانلىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەر ياشتىكى ۋە ھەر ساھەدىكى ئىنسانلارنىڭ قاتنىشىشى مۇمكىن بولغان بىكار ۋاقىت پائالىيەتلىرىگە ئىنسانلار قىزىقماقتا. شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ قانداق كۆڭۈل ئېچىشى، قانداق دەم ئېلىشى، بىكار ۋاقىتىنى قانداق قىلىپ پايدىلىق ئىشلاردا ئىشلىتىشى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ساغلام بىر جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە قانداق پايدىلار ئېلىپ كېىلىدىغانلىقى ئىجتىمائىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىكار ۋاقىت مەسىلىسى، بولۇپمۇ ساغلام جەمئىيەتنىڭ ۋە ساغلام شەخسلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش، ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدىغان بىر قۇرۇلما سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئىجتىمائىي جەھەتتىن ۋاقىت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن بىرى بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تاماق يېيىش، ئۇخلاش ۋە مەۋجۇتلۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاقىت، ئىككىنچىسى، تۇرمۇشنى قامداش ۋە ئىشلەش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت، ئۈچىنچىسى بولسا، دەم ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىت پارچىسىدىن ئىبارەت. بىكار ۋاقىت پائالىيەتلىرى، ياش، ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەزى ئوخشىمىغان شەكىللەرگە ئىگە بولىدۇ.
بىكار ۋاقىتلاردىن توغرا پايدىلىنىش، شەخسنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇسۇسەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى زامانلاردا بەدەن ساقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلىش، غەلىبە قىلىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش، خىزمەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، پىلانلىق دەم ئېلىش ۋە زېھنىي كۈچ قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىجابىي رولى مەۋجۇت.
چوڭلاردا بولسا، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىكار ۋاقىت پائالىيەتلىرى ئائىلەۋى، دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە تەربىيەۋى جەھەتتىن بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇنداقلا بۇ ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان مەنىلىك پائالىيەتلەر، خۇسۇسىي گۇرۇپپىلار ئىچىدە تەۋەلىك تۇيغۇسى، مەسئولىيەتچانلىق ۋە ئىجتىمائىيلىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىكار ۋاقىتلارنى توغرا باشقۇرغاندا جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
خۇلاسىلەپ ئېيتقان ۋاقتىمىزدا، بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىكار ۋاقىتلارنى پايدىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رولى بار. بايراملار ۋە باشقا كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەر، بىۋاستە دىنىي بولۇشنىڭ سىرتىدا بىكار ۋاقىتلارنى پايدىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ يوللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇراسىملار ۋە مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلىش بارلىق ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. دىنىي بايراملار ۋە يەرمەنكىلەردىكى ئىجتىمائىي ئاكتىپچانلىق، ئىنسانلارنىڭ مۇراسىملارغا بولغان ئىشتىراك تۇيغۇسىنىڭ تەبىئىيلىكىگە مىسال بولىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ۋە مەلۇمات بېرىش پائالىيتى ھېسابلىنىدۇ. بىكار ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان دوست- بۇرادەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقان زىيارەتلىرى دېگەندەك كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى. شۇنداقلا بۇ خىل پائالىيەتلەر دىنىي جەھەتتىن ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، ئىسلام دىنى ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋېتىشنى قەتئىي توسىدۇ. بىز يۇقىرىدا بىكار ۋاقىت دەپ قارىغان ۋاقىتلارنى پايدىلىق ئىشلاردا سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەم ياخشى دەم ئالغان بولىمىز، ھەمدە ئاخىرەتلىك ھاياتمىز ئۈچۈن ساۋاپ قازانغان بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر