تۈرك ئۆرپ-ئادەتلىرى - 26

ئانادولۇدا تەپرەش بايراملىرى ھەققىدە

108353
تۈرك ئۆرپ-ئادەتلىرى - 26

ئىلگىرىكى پىروگراممىلىرىمىزدا ئانادولۇ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىدا تەبرىكلىنىدىغان نورۇز، ھىدىرەللەز، قوچقار قوشۇش، سايا بايرىمى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. بۇ پىروگراممىمىزدىمۇ قىرىم تاتار تۈركلىرى ۋە ئانادولغا كۆچۈپ كەلگەن قىرىم تۈركلىرىنىڭ پەسىللىك بايراملىرىدىن بولغان «تەپرەش» ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تەپرەش نۇرغۇن كۈلتۈرلەردە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن تەبرىكلىنىدىغان، باھارنىڭ كېلىشى، قىشتىن چىقىش بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ۋە رومىنىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئارىسىدا «تەپرەش» قىرىمدا بولسا «تەپرەچ» سۈپىتىدە ئىپادە قىلىنىدۇ. تەپرەش ھىدرەللەزدىن كېيىن تەبرىكلىنىدىغان باھار بايرىمىدۇر. تەپرەش بايرىمى ئوخشىمىغان رايونلاردا پەرقلىق تەبرىكلىنىدۇ. تەپرەش ماي ئېيىدىن باشلاپ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىگىچە بولغان مەزگىللەردە تەبرىكلىنىدۇ. بەزى رايونلاردا ھىدرەللەزدىن كېيىن كېلىدىغان تۇنجى جۈمە كۈنى تەپرەش كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ. ھىدرەللەز جۈم كۈنىگە توغرا كەلسە بۇ ياخشلىقتىن بىشارەتتۇر. بۇ كۈنگە «ھىدرەللەز جۈمەسى» دېيىلىدۇ. قىرىم تۈركلىرىنىڭ بايرىمى سۈپىتىدە بىلىنىدىغان تەپرەش، ئەسىرلەرچە ئادرىياتىكتىن يىراق شەرققىچە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر بايلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تەپرەش باشقا باھار بايراملىرىدىكىگە ئوخشاش بىرلىك، باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، ياردەملىشىش، جانلىنىش دېگەنلىكتۇر. تەپرەش بايراملىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە، يېمەك ۋە ئىززەت-ئىكراملاردا تۈرك كۈلتۈرىنىڭ موللىقى، نەپىسلىكى ۋە ئېسىللىكى نامايەن بولىدۇ.
قىرىم تۈركلىرى تەپرەشنى «تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشى» دەپ قارايدۇ. باھارنىڭ كېلىشى بىلەن تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ جانلىشىنى، مايسا چىقىرىشى، چوڭىيىشى قاتارلىقلار خەلق ئارىسىدا «زىرائەتلەر تەپرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئانادولۇدا تەپرەش قىرىم تۈركلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئەسكىشەھىر، پولاتلى قاتارلىق شەھەرلەردە تەبرىكلىنىدۇ. ئانادولۇدا ھەر ئىيۇن ئېيىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلىنپ كېلىنىۋاتقان بۇ پائالىيەتلەردە بولۇپمۇ قىرىم تۈركلىرى بولۇپ نۇرغۇن تۈركىيەلىكلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
تەپرەش پائالىيەتلىرىدە ئاۋام خەلق ئىدىرلىق ۋە ئورمانلىقلاردا توپلىنىدۇ. بولۇپمۇ ياشلار ئالاھىدە قىزىقىپ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەپرەشنى خەلق تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ. ئىلگىرى قىزلار تەپرەشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كىرپىكلىرىنى قارىغا بوياپ قول ۋە پۇتلىرىغا خېنە قوياتتى. قەدىمقى چاغلاردا يېزىلاردا قىز ۋە ئوغۇللار ئۆز-ئارا پاراڭلىشىشقا ۋە بىرلىكتە يۈرۈشىگە ياخشى نەزەر بىلەن قارالمايتتى، بىراق تەرەپش ئالاھىدە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، قىز-ئوغۇل ئەركىن پاراڭلىشالايتتى. تەپرەشتە پائالىيەت ئەسناسىدا تونۇشقان، بىرلىكتە ئويۇن-تاماشا قىلغان ياشلارنىڭ دوستلۇقلىرى ئاساسەن بىرلىكتە ئائىلە قۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
تەپرەش دالا سەيلىسى تەرىقىسىدە تەبرىكلىنىدۇ. تەپرەشتە ھەر خىل ئويۇن-تاماشالار ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. تەپرەش تەبرىكلىنىدىغان جايغا بارماقچى بولغانلار، تەپرەش كۈنى تاڭ سەھەردە رەڭگارەڭ بېزەلگەن ئات ھارۋىلىرىغا مېنىپ توپ ھالىتىدە يولغا چىقىشىدۇ. ئۇلار يول بويى مۇسابىقىلىشىپ مېڭىشىدۇ. ئاۋام خەلق تەبرەش ماكانىغا توپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تەپرەش دۇئالار بىلەن باشلىنىدۇ. تەپرەش دۇئاسى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قائىدە-يوسۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا تەپرەشنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. تەپرەش دۇئاسىنى بىرەر موللا ياكى دىنى زات قىلىدۇ. بۇ دۇئادا ياراتقۇچىدىن بەرىكەت، مولچىلىق، سالامەتچىلىك، ئامانلىق، خەيرىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر، تۇرمۇش قۇرۇش يېشىغا يېتىپ قالغان ياشلار ئۈچۈن خەيرىلىك بىر جۈپ قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. دۇئالار ھەم تاتار تۈركچىسى ھەمدە تۈركىيە تۈركچىسىدە قىلىنىدۇ. تەپرەش دۇئاسى ئوقۇلۇپ بولغان ھامان، مەيدانغا يىغىلغان ئاۋام خەلق بىردەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئامىن دېيىشىدۇ.
ھەر ئائىلە تەرىپىدىن تەپرەشتىن بىر كۈن ئىلگىرىكى سۇ ۋە ئۇن بىلەن تەييارلانغان بىر خىل ئېچىتقۇسىز خېمىر بولغان «قالاقاي تىغىرتماسى» قىلىنىدۇ. چاق شەكلىدە قىلىنغان قالاقايلار تەپرەش كۈنىدە بىر خام لاتىغا يۆگىلىپ تېرىلغۇ ئېتىزلار ئۈستىدە دومىلتىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا تەپرەشكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئېتىقادلار مەۋجۇت. بۇ ئېتىقادلاردىنبىرى قالاقايقا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تېرىلغۇ-ئېتىزلاردا دومىلتىلغان قالاقاينىڭ ئوڭ يۈزى چۈشسە مول-ھوسۇلنىڭ بىشارىتى بولىدىغانلىقى ئىشىنىلىدۇ. ئارقىدىن قالاقاي كېسلىپ، ئەتراپتىكىلەرگە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىدۇ. تەپرەشكە كەلگەنلەر قالاقاينىڭ تەمىنى تاتماي كېتىپ قالمايدۇ. چۈنكى بۇ بۇ ناننىڭ ئۆزلىرىگە بەخت ۋە تەلەي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ.
تەپرەش مىللىي ئويۇنلارنىڭ باشلىنىشى بىلەن تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. تەپرەشتە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى چېلىشىشتۇر. بۇ يەردىكى مەقسەت ئەجداتلاردىن قالغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بولغان چېلىشىشنى ياشنىتىش ۋە ياشلارنىڭ كۈچ سىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتۇر. چېلىشىش ئەسناسىدا پالۋانلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ناغرا-سۇناي ۋە ئاكاردىيون قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلار چېلىنىدۇ. چېلىشىش مۇسابىقىسىگە ئاساسەن دېگۈدەك ياشلار بىلەن ئۆسمۈرلەر قاتنىشىدۇ.
تەپرەش كۈنىدە تائام پىشۈرۈش مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىرىم تۈركلىرىنىڭ داستىرخانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى گۆشلۈك ۋە خېمىرلىق تاماقلاردۇر. تائام كۈلتۈرىنى ياشلارنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە ئېتىلگەن تاماقلار ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ تاماقلار ئارىسىدا قىرىم تۈركلىرى تائاملىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاماقلىرى بولغان خامبۆرەك، كوبەتە، سېرىقبۇرۇن، تۆگەرەك، جانتىق، قالاقاي قاتارلىقلار بار. خامبۆرەككە تەپرەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېغىز تىگىپ چىقىدۇ. قىرىم تۈركلىرى تائاملىرى دېگەندە تۇنجى بولۇپ كاللىغا كېلىدىغانلىقىنى خام بۆرەكتۇر.
تەپرەشنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق لەززەتلىك بولغان بۇ مىللىي تائاملارغا ئېغىز تېگىشتىن سىرت، خەلق ئۇسۇللىرىنى تاماشا قىلىشىدۇ،. ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۇسۇللارغا قاتنىشىپ ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىدۇ. تەپرەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر يىلى تەبرىكلىنىشىگە قارىتا تەپرەشنىڭ تەبرىكلىنىشىگە ھەسسە قوشقانلارنى، تەپرەشتىكى چىقىملارنى ئۈستىگە ئالغانلارنى شەرەپلەندۈرۈش ئۈچۈن «تەپرەش ئاقساقىلى» ئۇنىۋانى بېرىلىدۇ. «تەپرەش ئاقساقىلى»نى سايلاش ئەنئەنىۋى ۋە پىرىنسىپ ھالىتىگە كەلگەن بولۇپ، تەپرەشنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشى تەپرەش ئاقساقىلى سايلىنىدۇ. تەپرەشنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان بۇ كىشى كېيىنكى قېتىملىق تەپرەشكىچە ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. تەپرەشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇن-تاماشالار ۋە مۇسابقىلار ئاساسەن ئوخشاش قالسىمۇ، لېكىن رايونلارغا ئاساسەن يەنە پەرقلىق بولىدۇ.
كۈلتۈرنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ياشنىتىلىشى جەھەتتىن مۇھىم بايراملاردىن بىرى بولغان تەپرەش ھەققىدە ئىلھان ئەرسوي «دىئاسپورا ۋە كىملىك: ئەسكىشەھىر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىرىم تاتارلىرىدا كۆپ كۈلتۈرلۈك كىملىكنىڭ ئىپادە ساھەسى تەپرەش» دېگەن نام بىلەن دوكتورلۇق دېسىرتاسىيەسىنى ياقىلىغان.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر