سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 22

78383
سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 22

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە گېئوتېرمال مەنبىرلىرى جەھەتتىن دۇنيانىڭ ساناقلىق دۆلەتلىرىدىن بىرى. شىپالىق سۇلاردا يۇيۇنۇش، ئارىشاڭلاردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ تۇپراقلاردا مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنە دېسەك ھەرگىزمۇ خاتا بولمايدۇ. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا تونۇشتۇرۇلىدىغان كۈتاھيامۇ، تارىختىن بۇيان ئارىشاڭلىرى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئىنسانلارغا شىپا تارقىتىۋاتقان بىر شەھەر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئولتۇراقلىشىش تارىخىي ئېتىبارى بىلەن 7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان كۈتاھيا، غەربىي ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان. تۈركىيەدە كۈتاھيا دېيىلگەن ھامان ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنياغا پور كەتكەن كۈتاھيانىڭ ساپال قاچىلىرىدۇر. نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەر ياشاپ ئۆتكەن كۈتاھيادا ساپالچىلىقنىڭ تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. مارمارا، ئەگە ۋە ئوتتۇرا ئانادولۇنىڭ ئۇلاش نۇقتىسىدىكى كۈتاھيانىڭ ساپال قاچىلىرىغا ئوخشاشلا دۇنياغا داڭلىق يەنە بىر مەنىۋى بايلىقى بولسا شىپالىق سۇلىرىدۇر. كۈتاھيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېگۈدەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تېرمال سۇ مەنبەلىرى بار. تۈركىيەدە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان 65 تېرمال ساياھەت مەركىزىدىن 8 ى كۈتاھيادىدۇر. ۋىلايەتنىڭ چېگرىلىرى ئىچىدىكى تېرمال سۇلار، رېماتىزمدىن پالەچ كېسەللىكلىرىگە، ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن نېرۋا كېسەللىكلىرىگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇپ، يەرلىك ۋە چەتئەللىك بىمارلارغا شىپا تارقاتماقتا.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
كۈتاھيانىڭ مەشھۇر ئارىشاڭلىرىدىن بىرى يونجالى يېزىسىغا جايلاشقان ۋە يېزىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان يونجا ئارىشاڭلىرىدۇر. شەھەر مەركىزىدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارىشاڭلار، 500 دۆنۈملۈك يەردە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئارىشاڭنىڭ 42 گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۈيىنىڭ، قېتىپ قېلىش ۋە بوغۇم خاراكتېرلىك رېماتىزم قاتارلىق بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. يونجالى ئارىشاڭلىرىنىڭ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا مەشھۇر بىر ئەپسانىسى بار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قۇلاقتىن قۇلاققا ئاڭلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەپسانىگە كۆرە، يونجالى، كىرازلى تېغىنىڭ ئېتىكىدە، يەردىن قىزىق سۇ قاينايدىغان بىر پاتقاقلىق سۈپىتىدە بىلىنىدىكەن. سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە، 13 - ئەسىردە سۇلتان 2 - ئالائاتتىن كەيكۇباتنىڭ گۈلۈمسەر خاتۇن ئىسىملىك كېسەل بىر قىزى بار ئىكەن. ياش ۋاقتىدا قوتۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان گۈلۈمسەر خاتۇننىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى قوتۇر بىر تۈلكىنىڭ يونجالىدىكى پاتقاققا كىرگەندىن كېيىن قۇتۇرىنىڭ ساقايغانلىقىنى كۆرگەنلەر، ئەھۋالنى سۇلتانغا مەلۇم قىلىپتۇ ھەمدە گۈلۈمسەر خاتۇننى بۇ يەردە يۇيۇندۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ، شۇ چاغقىچە يېگانە قىزىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئىزدەپمۇ ھېچقانداق چارە تاپالمىغان سۇلتان نائىلاج بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىپتۇ. گۈلۈمسەر خاتۇن يونجالىنىڭ ئىسسىق سۇلىرىدا يۇيۇنۇپتۇ. بىر مەزگىل يونجالىدا قېلىپ، ئەنە شۇ يوسۇندا داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، پالەچ سۈپىتىدە بارغان يولجالىدىن سەللىمازا ساقايغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. سۇلتان، باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن يونجالىدا كۆلچەكلىك ناھايىتى چوڭ بىر ھاممام بىلەن جامە ياساتقۇزۇپتۇ. يونجالىدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرنىڭ، ئۆتمۈشتىنىڭ ئىزلىرى مانا مەن دەپ كۆزگە چېلىقىپلا تۇرىدىغان بۇ تارىخىي ھاممام بىلەن جامەنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئىلىجا ئارىشاڭىمۇ كۈتاھيا چېگرىلىرى ئىچىدىكى ئارىشاڭلاردىن بىرى. كۈتاھيانىڭ 21 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان ئىلىجا ئارىشاڭى، ئەتراپى قارىغاي ئورمانلىقلىرى بىلەن قاپلانغان، ھاۋاسى ياخشى، مول ئوكسىگېنلىق ئارامگاھ ھېسابلىنىدۇ. «ھارلەك» دەپمۇ بىلىنىدىغان ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ قىزىقلىقى 25 - 43 گىرادۇس كېلىدۇ. ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ رېماتىزم، تېرە، نېرۋا، ئاياللار، جىگەر، بۆرەك ۋە ئۆت خالتىسى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قوشۇمچە داۋالاش سۈپىتىدە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، بەل ئاغرىقى ۋە سۇنۇق قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
نۇرغۇنلىغان شىپالىق سۇ مەنبەلىرىگە ئىگە كۈتاھيانىڭ ئۈچىنچى تېرمال مەركىزى، سىماۋ ناھىيەسىدىكى «ئەينال ئارىشاڭلىرى» بولۇپ، 17 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تۈرك سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى، «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسلىمىسىدە، ئەينال توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ، «نۇرغۇنلىغان ئارىشاڭلارنى كۆردۈم، بىراق ھېچقايسىسى ئەينال ئارىشاڭلىرىغا ئوخشىمايدىكەن، بۇنداق ئارىشاڭلار بەلكى يەر يۈزىدە مەۋجۇد بولمىسا كېرەك» دېگەن. كۈتاھيانىڭ غەربىي جەنۇبىدا، سىماۋدىن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئەينال ئارىشاڭلىرى ھازىرمۇ خۇددى 400 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ناھايىتى جەزبىدارلىقتۇر. ئارىشاڭنىڭ 70 - 90 گىرادۇسلۇق قىزىقلىقتىكى سۇلىرى، كالتسىي، ناترىي، بىكاربونات ۋە سۇلفات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەينالنىڭ مول مېنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شىپالىق سۇلىرىدا ساقايمايدىغان بىرەرمۇ كېسەل بولمىسا كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر، رېماتىزم، سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقى ۋە بوغۇق كېسەللىكلىرىنى، مېڭە ۋە نېرۋا ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئەينال ئارىشاڭلىرىنىڭ سۇلىىرىدا يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق قوشۇمچە داۋالاشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەينال ئارىشاڭلىرىنىڭ شىپالىق سۇلىرىنىڭ تېرە، بۆرەك، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش، جاھىل تەمرەتكە ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشمەكتە.
ئەينال ئارىشاڭلىرىنىڭ سۇلىرى پەقەت شىپا تارقىتىپلا قالماستىن يەنە، سىماۋ ناھىيە مەركىزىنىڭ ئىسسىنىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. گېئوتېرمال ئېنېرگىيە رايونىدا تۇرالغۇ ۋە پارنىكلارنىڭ ئىسسىتىلىشىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر