ئىستانبۇلنىڭ «مىچېلىن يۇلتۇز»لۇق رېستورانلىرى

ئىستانبۇلنىڭ «مىچېلىن يۇلتۇز»لۇق رېستورانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! 53 تۈرك رېستورانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان «مىچېلىن» ناملىق رېستوران يېتەكچىسى قانداق بارلىققا كەلدى، رېستورانلارنىڭ يولتۇزلىرى قايسى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن بېرىلىدۇ؟ «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ سانىدا «ئىستانبۇل مىچېلىن يۇلتۇزلۇق رېستورانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورنى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز!