تېخنىكا بىلەن مودىنىڭ ھەمكارلىقى مەۋھۇم دۇنياغا يۆتكەلدى

تېخنىكا بىلەن مودىنىڭ ھەمكارلىقى مەۋھۇم دۇنياغا يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ھەر پىروگراممىمىزدا تەكرارلاپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزدەك، ھايات گۈزەل، يېڭى شەيئىلەردىن ۋاقىپ بولۇشمۇ...  شۇنداق، ئىنتېرنىتنىڭ كەلگۈسى دەپ قارىلىۋاتقان مېتاۋېرس، مودا دۇنياسىدىكى ئىنقىلابنىڭ بېشارىتى. مېتاۋېرس بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان «رەقەملىك مودا» توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ كىلاسسىك لىنىيەسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە تەييارلانماقتا. «گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «تېخنىكا بىلەن مودا ھەمكارلىقنىڭ مەۋھۇم دۇنياغا قانداق يۆتكەلگەنلىكى» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...