4-ئومۇمىي يىغىن ۋە چىلىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىككى يىغىن توغرىسىدا سۆھبەت

4-ئومۇمىي يىغىن ۋە چىلىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىككى يىغىن توغرىسىدا سۆھبەت

28-ئۆكتەبىر (دۈشەنبە) بېيجىڭدا 19-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى باشلاندى. بۇ توغرىدا، يىغىننىڭ بىر ھەپتە كېچىككەنلىكى ۋە بۇنىڭغا، ئىچكى جەھەتتە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا ھەر قايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلار تارقالدى.

يىغىندا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قانۇن جەھەتتە قانداق قارارلار چىقىرىلدى ياكى بۇ توغرىدا نېمىلەردىن بېشارەت بېرىلدى؟

بۇ قېتىمقى يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرۋايەت رەئىس بولۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىمۇ ياكى بۇ تېخىمۇ قانۇنلاشتۇرۇلدىمۇ؟

چىلى ھۆكۈمىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنى (APEC) ۋە ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى(COP25)  يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بىلگىنىمىزدەك، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنىدا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى ئىدى. يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق؟