ئەردوغان ئىشچىلارنى كۈتۈۋالدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقتا ئىشلەۋاتقان قۇرۇلۇشا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىپ 28 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن 16 تۈرك ئىشچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كۈتۈۋالدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشچىلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلەرنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ھەمبەھىرلەشتى.
خەتكۈچ: