ئەركىنلىك جەڭچىسى مۇھەممەد ئەلى ئاخىرەتكە مۇنداق ئۇزىتىپ قويۇلدى

ئەركىنلىك جەڭچىسى مۇھەممەد ئەلى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى

 بوكس شاھى

پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان دۇنياغا داڭلىق بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ لوسۋىللې شەھىرىدە ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى. ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىم ئارقىلىق Cave Hill  قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 74 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان پۈتكۈل ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغان بوكس شاھىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىملىرى جەريانىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تۈرلۈك شەكىللەردە ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلدى.


خەتكۈچ: ئەركىنلىك جەڭچىسى مۇھەممەد ئەلى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى