ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئۇنىۋېرسىتىتى كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ «تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسى» نى تەستىقلىدى.

2128522
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئۇنىۋېرسىتىتى كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ 19 – فېۋرال (2024) پايتەخت ئەنقەرەدە ئىمزالانغان «ئەزەربەيجان ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسى» نى تەستىقلىغان.

ئەلىيېۋ مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسى بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ۋە بۇ ھەقتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بېرىشى ئۈچۈن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوليۇرۇق چۈشۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر