قۇياشتا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

يەر شارى قۇياشتىكى شىددەتلىك پارتلاش سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك گېئو ماگنىت بورىنىغا دۇچ كەلدى.

2119782
قۇياشتا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا ئىدارىسى (NOAA) قۇياشتا يۈز بەرگەن پارتلاش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، گېئو ماگنىت بورىنىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە ج پ س (يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى) (GPS)  دا مەسىلە چىقىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بۇ خىل بوران ئادەتتە قۇياشتىن يەر شارىغا توپ ھالدا كەلگەن زەررىچىلەرنىڭ ئاتموسفېراغا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدۇ ۋە ماگنىتلىق بوراننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ قېتىمقى بوران يەر شارىنىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بىر قارا داغدىن كەلگەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قۇياشتىكى پارتلاش، يەر شارىغا بىۋاسىتە غايەت چوڭ زەررىچىلەر توپىنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

گېئو ماگنىت بورىنىنى تەتقىق قىلغان ئالىملار بۇ ۋەقەدىن كېيىن، قۇياش بورىنىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، بوراننىڭ بۇنداق كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغان ئىدى.

ئاسترونوملار قۇياشتىكى پارتلاشلارنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە تەدرىجىي كۆپىيىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر