گىرېتسىيە سەلانىكتىكى يېڭى جامە ھېيتتا ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ

گىرېتسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سەلانىكتا ئەڭ مۇھىم ئوسمانلى يادىكارلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «يېڭى جامە» نىڭ ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئىبادەتكە ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2115832
گىرېتسىيە سەلانىكتىكى يېڭى جامە ھېيتتا ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دىنىي ئىشلار باش كاتىباتلىقى سەلانىكتىكى «يېڭى جامە» نىڭ ھېيتتا ئىبادەتكە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ھەقتىكى باياناتتا، 10-ئاپرېل (2024) روزا ھېيتتا سەلانىكتىكى يېڭى جامە بىلەن رودوس ئارىلىدىكى سۈلەيمانىيە جامەسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭى جامە 2013- ۋە 2014-يىللىرىمۇ ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىلغان، ئەمما غەربىي تراكيا تۈركلىرى سايلىغان مۇفتىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى. سەلانىكتىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا قارشى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇماي نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. 2018-يىلىغا كەلگەندە يېڭى جامەدە 200 كىشى تۇنجى قېتىم ئۆزلىرى غەربىي تراكيادا سايلىغان مۇفتى ۋە مۇئەززىنىڭ باشچىلىقىدا ناماز ئوقۇغان ئىدى.

سەلانىكتا ئوسمانلى دەۋرىدە 1902-يىلى ئىتالىيەلىك مىمار ۋىتاليانو پوسەللىغا سالدۇرۇلغان يېڭى جامە، 1925-يىلدىن 1963-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇزېي قىلىنغان ئىدى.

گىرېتسىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1986-يىلى رېمونت قىلىنغان جامە، سەلانىك شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرگەزمە زالى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر