ياپونىيەدە تۇغۇت نىسبىتى يىلمۇ يىل تۆۋەنلىمەكتە

ياپونىيەدە كىرىزىس سەۋىيەسىدە بولغان تۇغۇت نىسبىتى 2022-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %5.1 تۆۋەنلىدى.

2108382
ياپونىيەدە تۇغۇت نىسبىتى يىلمۇ يىل تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە 2023-يىلى 758 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ رەقەمنىڭ 2022-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %5.1 تۆۋەن ئىكەنلىكى، توي قىلىش نىسبىتىنىڭمۇ %6 تۆۋەنلەپ 489 مىڭغا چۈشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىپى يوشىماسا ھاياشى مۇنداق دېدى:

«تۇغۇت نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش خەتەرلىك سەۋىيەدە، چۈنكى 2030-يىلغىچە ياشلارنىڭ سانى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن، بۇنى كەينىگە قايتۇرۇش پۇرسىتىمىزمۇ قالمايدۇ.»

باش ۋەزىر فۇمىيو كىشىدامۇ ئۆتكەنكى كۈنلەردە يېقىنقى يىللاردىكى تۇغۇت نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى «نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى» غا قارشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇھىم چارە-تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تاراتقۇلاردا يېڭى توي قىلغان ۋە پەرزەنت كۆرگەنلەرگە، بالا بېقىش تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىش، ياشلارنىڭ مائاش تولۇقلىمىلىرىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كىشىلەرنى بالىلىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىقتىسادىي مۇھىت بەرپا قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر