پاپا روژدېستۋادا بۇتپەرەستلىكنى تەنقىد قىلدى

خىرىستىيانلىقتا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىدىغان روژدېستۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاتىكاندا، كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فرانسىسكو باشچىلىقىدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

2080407
پاپا روژدېستۋادا بۇتپەرەستلىكنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكاندا روژدېستۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پاپا فرانسىسكو باشچىلىقىدا ئەزىز پېتروس چېركاۋىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، 6500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

پاپا ئۆتكەن يىلى (2022)  دىكىگە ئوخشاشلا چېركاۋغا چارقلىق ئورۇندۇق بىلەن باردى ۋە كاتولىك چېركاۋىنىڭ كاردىناللىرى، باشقۇرغۇچىلار ھەمدە ۋاتىكاندا ئېتىراپ قىلىنغان دىپلوماتىك ۋەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 6500 مېھماننىڭ ھۇزۇرىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ: «بۇ كېچە كۆڭلىمىز بەيتۇلئاھىمدا» دېدى ۋە ئەيسا پەيغەمبەر دۇنياغا كۆزىنى ئاچقان زېمىنلاردىكى قورال-ياراغ ئاۋازلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۆچمەيۋاتقانلىقىدىن ئاغرىندى.

ئۇ يەنە، «ئىستېمال بۇتپەرەستلىكى» نى تەنقىد قىلدى ۋە روژدېستۋانى ئىستېمال مەدەنىيىتى بىلەن  ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر