ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت نىڭ 14-قېتىمىلىق «ت ر ت خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىش مۇراسىمى»، 14-17-دېكابىر (2023) كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2076594
ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14-قېتىمىلىق «ت ر ت خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىش مۇراسىمى»، تۆت كاتېگورىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمغا، 100 دۆلەتنىڭ مىڭدىن ئارتۇق فىلىمى قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا، 32 فىلىم ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى قوللاش، ھۆججەتلىك فىلىمچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمنىڭ تېمىسى «يىلتىزى چوڭقۇر ئىزلار، كۈچلۈك ھېكايىلەر» بولىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىگە مۇناسىۋەتلىك لېكسىيە سۆزلەش، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىستانبۇل فىشەكخانانىڭ 6-زالى ۋە باشقا كۆرگەزمە زاللىرىدا، رىژېسسورلار شۇنداقلا تونۇلغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەر لېكسىيە سۆزلەيدۇ، ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم قانىلىدا تونۇلغان كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا تونۇشۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ئارىسىدا، دەرۋىش زائىم، تامارا كوتېۋسكا، موھسىن ئېننايمى، رەشاد سترىك ۋە كىۋانچ كاسابالى قاتارلىق  ئۆز ساھەسىدە يېتىشىپ تونۇلغان كىشىلەرمۇ بار.

مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىملەر ۋە مەخسۇس تاللانغان ھۆججەتلىك فىلىملەر تۆت كۈن بويىچە فىشەكخانانىڭ 2-، 4- ۋە 5-نومۇرلۇق زاللىرىدا خەلققە ئوچۇق شەكىلدە ھەقسىز قويۇلىدۇ.

مۇراسىم چىيارا ئاۋېسانى رىژېسسورلۇق قىلغان «غەززەدە ئەراسمۇس» فىلىمى بىلەن باشلىنىدۇ. 17-دېكابىر جەمئىي 12 مۇكاپات ۋە بۇ يىل (2023) غا ئاتالغان «100-يىل ئالاھىدە مۇكاپاتى» تارقىتىلىدۇ.

«ت ر ت خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىش مۇراسىمى» نىڭ ۋاقتى ۋە مۇسابىقىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا «trtbelgesel.com» ئادرېسىدىن ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر