تۈركىيە يۇنېسكو مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

2067939
تۈركىيە يۇنېسكو مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.»

«تۈركىيە تۆت يىللىق ئەزالىق مەزگىلىدە، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى  ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ۋە ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن چاقىرىدىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنلىرىدا، كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى كاندىداتلار ھەققىدە قارار چىقىرىش جەريانىدا سۆز ساھىبى بولىدۇ. دۆلىتىمىز 1983 – 1989 – يىللىرى، شۇنداقلا 2013 – 2017 – يىللىرىمۇ  كومىتېتتىن ئورۇن ئالغانىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر