گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ بوچۇم شەھىرىگە يېقىن داخلخاۋسېن رايونىدا دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكى جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2053034
گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ بوچۇم شەھىرىگە يېقىن داخلخاۋسېن رايونىدا دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ دەرۋازىسىغا سىۋاستىكا ۋە داۋىد يۇلتۇزى سىمۋوللىرى سىزىپ قويۇلدى، جامەنىڭ سىمۋوللىرى كۆيدۈرۈۋېتىلمەكچى بولدى.

داخلخاۋسېن رايونىدىكى دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە سۇلتان ئەھمەد جامەسى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۈنگۆر قادىر گۈۋەن، تۈنۈگۈن (18-ئۆۆتەبىر) كېچە جامەگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن بامدات نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئالدى بىلەن جامەگە ئوت قويۇۋېتىلمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئاندىن جامەنىڭ دەرۋازىسىغا سىۋاستىكا ۋە داۋىد يۇلتۇزى سىمۋوللىرى سىزىپ قويۇلۇپتۇ. بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇنۇشلارغا قارىماي، بەختكە يارىشا جامەگە ئوت كەتمەپتۇ، ئەگەر ئوت كەتكەن بولسا، قورقۇنچلۇق ئاپەت يۈز بەرگەن بولاتتى. جامەمىزگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. جىنايەت سادىر قىلغۇچى ياكى قىلغۇچىلارنىڭ تېزدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ، سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر