مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.

2042507
مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈن بولغان رەبىئۇل ئاخىر ئېيىنىڭ 12 – كۈنى ئىدراك قىلىنىدىغان مەۋلۇت قەندىلى، ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر كۈن ۋە كېچە ھېسابلىنىدۇ.

لۇغەت مەنىسى «تۇغۇلغان جايى ۋە ۋاقتى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان مەۋلۇت، ئىسلام مەدەنىيىتىدە بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى، بۇ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنى ۋە يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بۇ يىلقى «پەيغەمبەر ھەپتىلىكى» دائىرىسىدە، 26 – سېنتەبىردىن  2 –ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۆپ ساندا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر