نيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىندى
نەمەلۇم بىر كىشى تۈركىيەنىڭ نيۇ يورك كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى يەرگە تاشلاپ، چەيلەپ ھۇجۇم قىلدى.
2035040
![نيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5ffa/1a0d/c300/64fc068b87f64.jpg?time=1719337663)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 10.46 ئەتراپىدا، بىر كىشى نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيى بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قولىدا تۇتۇۋالغان بىر كىتابنى يەرگە تاشلاپ، ئۇنى چەيلەشكە باشلىغان.
تۈرك ئۆيى بىناسىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى ناھايىتى تېزلا بىنادىن چىقىپ، بۇ كىشىگە ئارىلاشقان.
ئېنىقلاشلار داۋامىدا، بۇ كىتابنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
بۇ ۋەقە نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى ۋە دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك باشقارمىسى دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/8e6a/2853/0aaf/666fd7abbd4f1.jpg?time=1719337663)
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.