ئەركىن كوراي ئالەمدىن ئۆتتى

ئانادولۇ روك ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ داڭلىق سەنئەتچىسى ئەركىن كوراي ئالەمدىن ئۆتتى.

2021463
ئەركىن كوراي ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كانادادا ياشاۋاتقان 82 ياشلىق داڭلىق سەنئەتچى ئەركىن كوراي، سالامەتلىكىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەركىن كوراي سەنئەت ھاياتىدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان، ئانادولۇنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقان، نۇرغۇن خەلق ناخشىلىرىنى قايتىدىن رەتلەپ، ئامما بىلەن ئۇچراشتۇرغانىدى.

سەنئەت ھاياتىدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن كوراينىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تەزىيە ئۇچۇرى تارقىتىپ: «مەن تۈرك ناخشا - مۇزىكىسىنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەركىن كوراينىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قايغۇردۇم. مەرھۇمغا ئاللاھنىڭ رەھىم – شەپقەت قىلىشىنى تىلەيمەن؛ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، بارلىق مەستانىلىرى ۋە سەنئەت دۇنيامىزغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىق سىياسەت ۋە سەنئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن زاتلارمۇ تەزىيە ئۇچۇرلىرى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر