ھىجىرىيە يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە كەبىنىڭ يۇپۇقى ئالماشتۇرۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ھەرەم ئىشلىرى باش ئىدارىسى ھەر يىلقى قائىدىسى بويىچە بۇ يىلمۇ كەبىنىڭ كونا يۇپۇقىنى ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا يېڭىسىنى قويدى.

2013525
ھىجىرىيە يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە كەبىنىڭ يۇپۇقى ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — SPA، يۇپۇق ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ھەرەم ئىشلىرى باش ئىدارىسى باشلىقى ۋە كەبە ئىمامى سۇدەيس باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

جەمئىي 45 پارچىدىن تەركىب تاپىدىغان كەبە يۇپۇقى 850 كىلوگىرام ساپ يىپەك يىپتىن توقۇلغان رەخت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 120 كىلوگىرام ئالتۇن ۋە 100 كىلوگىرام كۈمۈشتىن نەقىش ۋە ھۆسنخەتلەر ئىشلەنگەن.

ئەنئەنە بويىچە، ھەر ھىجرىيە يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەبىنىڭ يۇپۇقى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئالماشتۇرۇلىدۇ.

كەبىنىڭ يۇپۇقى مەككىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز كەبەبى مۇشەررەفە يۇپۇق توقۇش مەركىزىدە 200 كەسپىي خادىم تەرىپىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر