تۈرك ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا «Regeneron ISEF» بىلىم ۋە ئېنژېنېرلىق مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1989172
تۈرك ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئىدارىسى-تۈبىتاك (TUBITAK) تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقئارا بىلىم ۋە ئېندېنېرلىق مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈبىتاكنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 64 دۆلەتتىن 1307 لايىھە سۇنغان 1638 ئوقۇغۇچى ئامېرىكانىڭ داللاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە قاتناشقان.

تۈبىتاك قوللىغان ئۈچ لايىھە سۇنغان تۈرك ئوقۇغۇچىلار، خەلقئارا «Regeneron ISEF»  نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 غازىئانتەپتىن مۇسابىقىگە قاتناشقان سۇدە ناز گۈلشەن ۋە ئەكىن ئاسىيالى ھەم خىمىيە كاتېگورىيەسىدە بىرىنچىلىككە، سىگما شى مۇكاپاتى «ئىلمىي تەتقىقات شەرەپ جەمئىيىتى ئۈچىنچى فىزىكا ئىلمى مۇكاپاتى» (TheScientific Research Honor Society Third Physical Science Award) غا ئېرىشتى.

بالىكەسىردىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزرا دەمىركاپىلار ۋە ئاسلى ئەجە يىلماز بىئوخېمىيە كاتېگورىيەسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا مۇسابىقىسىدە، ئىستانبۇلدىن ئىرەم دۇران، ئىبراھىم ئۇتكۇ دەرمان ۋە كېرەم ئارسلانمۇ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

كوجائەلىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەھمەت قاغان ئالتاي «پادىشاھ فاھد نېفىت ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى» (King Fahd University of Petroleum and Minerals) نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئىزمىردىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاردا يېشىليۇرت ماتېرىيالشۇناسلىق كاتېگورىيەسىدە تۈبىتاكنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېر ئادرېسىدا، خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياشلارنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر