لوندون كىتاب يەرمەنكىسىگە تۈركىيەدىن 24 نەشرىيات قاتناشتى

دۇنيا مىقياسىدا نەشرىيات ۋە نەشر ھوقۇقى ساھەسىنىڭ مۇھىم ئۇچرىشىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان «لوندون كىتاب يەرمەنكىسى» گە تۈركىيەدىن 24 نەشرىيات قاتناشتى.

1976964
لوندون كىتاب يەرمەنكىسىگە تۈركىيەدىن 24 نەشرىيات قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل (2023) ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 52-قېتىملىق «لوندون كىتاب يەرمەنكىسى» دىن، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ھىمايىسىدە ئېچىلغان «تۈركىيە سۇپىسى» دا 14 ئىشتىراكچى نەشرىياتتىن باشقا، ئىستانبۇل سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سۇپىسىمۇ ئورۇن ئالدى.

يەرمەنكىگە، تۈركىيەدىن 10 نەشرىيات نەشىر ھوقوقى ۋە ئەسەرلىرىنى سېتىش سۆھبەتلىرىگە ئايرىم قاتناشتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 18-20-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان لوندون كىتاب يەرمەنكىسى 1700 ئىشتىراكچى شىركەت ۋە تەخمىنەن 60 دۆلەتتىن كەلگەن 25 مىڭ كەسپىي زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر